تەركىبى: كابىلى ھېلىلە پوستى 60 گرام، بەلىلە پوستى 60 گرام، ئامىلە پوستى 30 گرام، ئەفتىمۇن 30 گرام، ئاقىرقەرھا ھىندى 12 گىرام، جۇزام 12 گىرام، شەترەنجى ھىندى 12 گرام، گۈلدارچىن 24 گىرام، تاغ زىرىسى 60 گرام، پىلپىل 24 گىرام، ھەسەل 800 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن ئۆرلىتىپ كۆپۈكنى ئېلىۋېتىپ سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: بەلغەم خىلىتىنى تازىلاش، قاننى قىزىتىپ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، تېرىگە رەڭ بېرىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: بەھەق، (قارا داغ) بەرەس (ئاق كېسەل) كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号