تەركىبى: ئارپىبەدىيان 20 گرام، ئاق سەندەل 20 گرام، قىزىلگۈل 20 گرام، ئەفتىمون 20 گرام، ھېلىلە زەرد پوستى 7 گام، ھېلىلە كابىلى پوستى 7 گرام، ھېلىلە پوستى 7 گام، قارا ھېلىلە 7 گرام، شاھتەررە 7 گرام، قەسبۇزەرىرە 7 گرام، ئاق تۇربۇت 7 گرام، سانايى مەككى 7 گرام، سەرسىبىل 42 گرام، چۆبىچىن 58 گرام، قەنت 1 ھەسسە، ھەسەل 2 ھەسسە.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ شېكەرنى قىيام قىلىپ ئۈستىگە ھەسەلنى قويۇپ بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: قان تازىلاش، ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش ۋە ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش، قەۋزىيەتنى بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: قىچىشقاق، تەڭگە تەمرەتكە، كالا تەمرەتكىسى قاتارلىق جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى، بالىياتقۇ ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号