خەنزۇچە نامى: 肉豆蔻衣
تونۇش: بۇ زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخنىڭ مېۋىسى جۇزبۇبوۋىنىڭ سىرتقى پوستى بولۇپ، <بەسباسە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: مېڭە، ئاشقازان، جىگەر، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قىزىتىش، يەڭگىل دەرىجىدە يەلنى ھەيدەش، تۇتۇش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى، ھۆللۈك سەۋەبىدىن بولغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ھەزىم ئاجىزلىقى، كونا ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقى، ئۈچەي جاراھەتلىرى، تال كېسەللىكى، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، مەنىي كەملىك قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچكى تەرەپتىن ھەم سىرتقى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى زەپەر بىلەن قوشۇپ بالىياتقۇغا پەرزىچە قىلسا بالىياتقۇنى ھۆللۈكتىن تازىلايدۇ، باھنى كۈچلەندۈرگۈچى مۇرەككەپ دورىلارغا قوشۇپ ئىشلەتسە باھنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە قوزغايدۇ، يەلنى ھەيدەيدۇ، قورساق ئېسىلىشنى يوقىتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. سىرتتىن ئىشلەتسە قولتۇق پۇراشنى يوقىتىدۇ. باشقا ياغلار بىلەن قوشۇپ باشنى ياغلىسا، باش ئاغرىقى، باشنىڭ يېرىقى ئاغرىش ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. ئۆزىنى يۇمشاق سوقۇپ خمىر قىلىپ كىندىككە قويسا، سۈيدۈكنىڭ تېمىپ كېلىشىگە پايدا قىلىدۇ، ھەببۇلئاس يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ چاپسا، كۆپ تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشنى يوقىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 6-9 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: جىگەر كېسىلى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلىگە بېرىلمەيدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: جىگەر كېسىلى ئۈچۈن بېرىش توغرا كەلسە ئەرەب يېلىمى، تۇتقاقلىق كېسىلى ئۈچۈن ئەرقى گۇلاب قوشۇپ بېرىلىدۇ.
ئورۇنباسارى: جويۇز
چىقىش ئورنى: ھىندونوزىيە، مالايسىيا، ھىندىستان، برازىلىيە، سىرلانكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号