ئەرەپچە نامى: بەھمەن
خەنزۇچە نامى: 失车菊
تونۇش: بۇ تاغلاردا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى بولۇپ، بۇ يىلتىز ئاق، قىزىل ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئېقى تومراق كېلىدۇ، قىزىلى بولسا سۈزۈك، ئېغىر، پۇرىقى خۇش پۇراق كېلىدۇ، چاينىسا ئازراق شىلىمشىق ۋە ئېغىزنى قورۇش تەسىر بار، بۇ ئۆسۈملۈك يىلتىزىنىڭ قىزىلى <بەھمەن سۈرۇخ>، ئېقى <بەھمەن سەفىد> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، قىزىلى ئېقىدىن كۈچلۈكرەك.
شىپالىق رولى: باھنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: خاپىغان، يەرقان كېسىلى، يۈرەك ئاجىزلىق، بىئاراملىق، كۆڭۈل پەرىشانلىق، مەنىي يۈرۈپ كېتىش، مەنىي تۇتالماسلىق، مەنىي كەملىك، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شېكەر قوشۇپ ئەتىگەندە ئىچىپ بەرسە بەدەننى سەمرىتىدۇ، بولۇپمۇ بادام، نوقۇت بىلەن قوشۇپ يېسە تېخىمۇ پايدىلىق، ئۇنى تۇز، ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىگە چاپسا، يۈزىنى چىرايلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن چاچنى يۇسا چاچنى پارقىراق، چىرايلىق، خۇش پۇراق، ئۇزۇن قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئېقىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ سوقۇپ ئاياللارنىڭ پەرجىسىگە سالسا بالىياتقۇنى تازىلايدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 4-5 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەتكە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: رۇم بەدىيان، كەتىرا، چىلان.
ئورۇنباسارى: ئېقى ئۈچۈن زۇرۇمبات، قىزىلى ئۈچۈن دۇرنەج ياكى مۇسلى سەفىد.
چىقىش ئورنى: ئىران ۋە ئەرمەنىستاننىڭ تاغلىرىدىن، ئۇنىڭ ئېقى بولسا كۆپرەك خۇراسان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号