ئەرەپچە نامى: نەئىنا
خەنزۇچە نامى: 藿香
تونۇش: بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك باغ پىننىسى ۋە ياۋا پىننىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ھەممە خۇسۇسىيەتلىرى پۇدىنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، بەدەننى قىزىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، سوغۇق ماددىلارنى تارقىتىش، كاناي ۋە كۆكرەكتىكى ھۆللۈكنى تازىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، قان تۈكۈرۈش، يۈرەك ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ھېق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش، باھنىڭ ئاجىزلىقى، بوۋاسىر، ئۇرۇقدان ئىششىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىننە ئۇسارىسىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتسا ئاغرىقنى توختىتىدۇ، بۇ ئۇسارىنى قىزىلگۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا بۇرۇنغا چىققان خانازىرغا ناھايىتى ئوبدان پايدا قىلىدۇ. بۇ ئۇسارىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، قان تۈكۈرۈش ۋە تۈكۈرۈكتە قان كېلىشكە پايدا قىلىدۇ. پىننىنى پىرسىياۋشان بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، يۈرەك ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ ھەمدە تۇتۇش قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازاندىكى يەلنى ۋە كېكىرىكنى تارقىتىدۇ، يەلدىن بولغان قۇلۇنجىنى يوقىتىدۇ. ھەرخىل ئۈچەي قۇرتلىرىنى يوقىتىدۇ. سىركە بىلەن ئىشلەتسە قان تۈكۈرۈشنى يوقىتىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئاشقازان كىرىش قىسمىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، كىشمىش بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە ئۇرۇقدان ئىششىقى ۋە ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، پىننىدىن سۇفۇپ تەييارلاپ جخنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن بۇرۇنغا ھەمەل قىلسا ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئالتە گرامغىچە.
زىيانلىق تەسىرى: يەل پەيدا قىلىدۇ، گالنى قىچىشتۇرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: كەرەپشە.
ئورۇنباسارى: يالپۇز (پودىنە)
چىقىش ئورنى: ئېلىمىز جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号