ئەرەپچە نامى: زۇدەئى-غۇك
ئوردۇچە نامى: مىدەك
خەنزۇچە نامى: 黑斑蛙
تونۇش: بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان جانىۋار بولۇپ، نەم يەرلەردە، توختاپ قالغان سۇلاردا ۋە ئېرىقلاردا بولىدۇ. پاقا قۇرۇقلۇقنىڭ، ئۆستەڭنىڭ، دەريانىڭ دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ، ئەگەر مۇتلەق پاقا دېيىلسە ئۆستەڭنىڭ پاقىسىنى ئالىمىز، قۇرۇقلۇقنىڭ پاقىسى ئۆلتۈرگۈچ زەھەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان توختىتىش، زەخىملەرنى پۈتتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: چىش ئاغرىقى، زەھەر ھاشارەت چېقىۋېلىش، ھەرخىل قاناش، زەخىملىنىش، كۆزگە سۇ چۈشۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پاقىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئوق ياكى تىكەن كىرگەن ئورۇنلارغا تاڭسا، ئوق ۋە تىكەنلەرنى تارتىۋالىدۇ. قان توختىتىدۇ، زەخىملەرنىڭ ئېغىزىنى پۈتتۈرىدۇ، پاقىنىڭ گۆشىنى كۆيدۈرۈپ سوقۇپ سەنۇبەر دەرىخىنىڭ يېلىمى بىلەن بىرگە سېپىلسە دائىرلىك چاچ چۈشۈش كېسىلى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. پاقىنىڭ پۇت-قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ ئىچ-باغرىنى ئېلىۋېتىپ بۆرەك يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يېغى ئېلىنسا ئىسسىقتىن بولغان بوۋاسىر كېسىلى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، بىر تۈرلۈك دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە بولىدىغان پاقىلار بولۇپ بۇ پاقىلار كۆك، كىچىك كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنى باراۋەر كېۋەزنىڭ چېچىكى بىلەن كۆيدۈرۈپ كۆزگە تارتىلسا كۆزگە چۈشكەن سۇنى يوقىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: سىرتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号