كاۋا قاپاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئەسلىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن چىقاتتى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئېلىمىزگە تارقىلىپ كىرەەن بولۇپ، ھازىر كەڭ كۆلۈمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. كاۋىنىڭ بەلگىلىك يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش قىممىتى بار بولۇپ، «ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك كۆكتات»، «ئەڭ ياخشى ھۆسۈن تۈزەش يېمەكلىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كاۋا تەركىبىدە بىر قەدەر مول ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنB6، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، شۇنىڭدەك فوسفور، كالىي، كالىتسىي، ماگنىي، سىنىك، كرېمنىي، كۇبالت قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. كاۋا تەركىبىدىكى ۋىتامىنA نىڭ مىقدارى كاۋا-قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇنداق تۇرىدۇ.
كاۋىنىڭ قان تولۇقلاش رولى بار. ئۇ شېكەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەيدۇ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، يەنە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
كاۋا ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ، ھەمدە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەنلەرنىڭ بۆرەك، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
كاۋا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
دائىم كاۋا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. كاۋا ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى يىرىك يېمەكلىكلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ، يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دائىم كاۋا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تېرىنى چىرايلىق قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىتا چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار.
كاۋا يۇقىرى قان بېسىم ۋە جىگەر، بۆرەكنىڭ بەزى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇلارنى داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كاۋا ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار ۋە سەمرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
كاۋىنى چالا ياكى بەك ئېزىلدۈرۇپ پىشۇرماسلىق لازىم، بولمىسا كاۋىنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشى چارە چوڭ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇشتىن ئىبارەت. كاۋىنى كىچىك پارىلاپ، قازانغا كاۋىنى چۆكتۈرەلىگىدەك سۇ قويۇپ قايناتسىلا بولىدۇ.
ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا پىشۇرماقچى بولسا، كاۋا پارچىسىنى قاتار تىزىپ ئوچاقنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ قوشۇقتا ئىككى قوشۇق سۇ قويۇپ، ئۈستىنى يېڭى پېتى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئالتە مىنۇت قىزدۇرسا بولىدۇ.
كاۋىنى ئوبدان ساقلاش لازىم، ساقلاش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كاۋا ئېتى ئوكسىگېنسىز ئېچىپ ئىسپىرت ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق كاۋا ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كاۋىنى پىشۇرۇپ يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش لازىم، ئەگەر شاپىقىدا سېسىغان يېرى بارلىقى بايقالسا ياكى پارچىلىغاندا ئىسپىرت پۇرىقى چىقىپ تۇرسا، بۇنداق كاۋىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
كاۋا تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا شېكەر بولىدۇ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كاۋىنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم.
ئەگەر ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇزۇن مۇددەت ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كاۋىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ پاراشوك تەييارلىۋالساق بولىدۇ.
بېرىبېرى، سېرىقلىق چۈشۈش كېسىلى بارلار كاۋا ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
كاۋىنى ئەڭ ياخشىسى قوي گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم.
كاۋىنى ھوردا دۈملەپ ياكى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号