كالا ئوتخور كۆشىگۈچى ھايۋان، ئۇ ئادەتتىكى كالا، سۇ كالىسى، سۈت كالىسى (ئىنەك)، گۆش كالىسى، قوتاز قاتارلىدق بىر قانچە خىل بولىدۇ. كالا گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، تاغ مىقدارى تۆۋەن، تەمى مەززىلىك بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.
كالا گۆشى ئارىسىدا ئورۇق گۆش جىق، ياغ ئاز بولۇپ، يۇقىرى ئاقسىللىق، يېغى ئاز ئەلا سۈپەتلىك گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كالا گۆشى ئاقسىل تەركىبىدىكى زۆرۈر ئامىنو كىسلاتا بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كالا گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنE، شۇنىڭدەك فوسفور، كالىي، ناترىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
كالا گۆشى ئورگانىزىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىن، كېسەلدىن كېيىن كۈتۈنۈشكە موھتاج كىشىلەرنىڭ قان تولۇقلاش، توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىق ئېھتىياجىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
كالا گۆشىنىڭ ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۆڭەك-مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىيدىغان، قان ئازلىققا دۇچار بولغان، ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ جۈدەپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىدىغان بولۇپ قالغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كالا گۆشىنى چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ۋە جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ.
كالىنىڭ گۆشىدىن باشقا،، كالىنىڭ قېنى، جىگىرى، دىڭزىيا (كالىنىڭ ئۆت تېشى) سىدىمۇ ئوزۇقلۇق كۆپ، كالىنىڭ قېنى ئاساسلىقى قانلىق تولغاق، چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كېلىش، تال-ئاشقازان زەئىپلىك، قاننىڭ زەئىپلىشىشىدىن ھەيز توختاپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
دىڭزىيانىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى سوغۇق، ئۇ ئاساسلىقى قىزىتمىلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن ھۇشسىزلىنىش، جۆيلۈش، تۇتقاقلىق تۇتۇپ ئەسەبىيلىشىش، بالىلارنىڭ دۆلىنىپ تارتىشىپ قېلىشى، چىش ئاغرىش، كېكىردەك ئىشىش، تىلىغا چىيقان چىقىش، غەلۋىرەك، كۆز يارا قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
كالىنىڭ جىگىرىنى ئىستېمال قىلسا قاننى تولۇقلايدۇ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كالا گۆشىنى پىشۇرۇشتا، ئۇنى بىۋاسىتە قىزىق سۇغا سېلىپ قاينىتىش، سوغۇق سۇ قۇيماسلىق كېرەك. قىزىق سۇ كالا گۆشىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئاقسىلنى تېز سۈرئەتتە قاتتۇرۇپ، گۆش تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتانىڭ سىرتقا سىرغىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كالا گۆشىنىڭ مەززىلىك تەمى ساقلىنىپ قالىدۇ.
كالا گۆشىنى دۈملەپ پىشۇرۇشتا ئازراق ئاچچىقسۇ (بىر كىلوگرام گۆشكە 1~2 قوشۇق) قۇيۇۋەتسە، گۆش يۇمشاق پىشىدۇ. كالا گۆشى سېلىنغان قازانغا دولانا، تۇرۇپ، ئاپېلسىن شۆپىكى، چاي قاتارلىقلارنىڭ بىرەر خىلىنى سالسىمۇ، گۆش ئاسان ۋە يۇمشاق پىشىدۇ.
كالا گۆشى ياڭيۇ بىلەن بىللە پىشۇرۇلسا ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ ھەم تال-ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولىدۇ.
كالا گۆشى يىرىكرەك (قاتتىقراق) بولغاچقا، بەزىدە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، كالا گۆشى ياڭيۇ بىلەن بىللە پىشۇرۇلسا، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ياڭيۇ تەركىبىدە مول يوپۇرماق كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
ئېشىپ قېلىپ تەكرار ئىسسىتىلغان ياكى سوغۇق ساقلاپ تەكرار قىزىتىلغان كالا گۆشى يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلماسلىق، ئىسلانغان (سۈرلەنگەن)، كاۋاپ قىلىنغان، تۇزغا چىلانغان كالا گۆشىنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
كالا گۆشىنى ئاق ھاراق، كۈدە (جۈسەي)، زەنجىۋىل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا ئاسانلا چىش مىلىكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كالا گۆشىنى كاشتان بىلەنمۇ بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، ئامىنوفىللىن ئىچىۋاتقانلار كالا گۆشى ئىستېمال قىلىشىتىن پەرھىز تۇتۇشى، تېرە كېسىلى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كالا گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号