تاتلىقياڭيۇ 16-ئەسىردە ئېلىمىزگە تاقىلىپ كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچىلىك تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 500 يىلغا يەتمەيدۇ.
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ. بەدەننى كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، شۇڭا بەزى رايونلاردا ئۇ ئاساسىي يېمەكلىك قىلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1، كاروتىن، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار مول.
تاتلىقياڭيۇ خولېستېرولنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا تىنىپ قېلىشىنى توسۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
تاتلىقياڭيۇ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، سۈت بېزى راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكى، بوغماق ئۈچەي راكى پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تورمۇزلايدۇ ھەمدە بوۋاسىر(گېموروي) ۋە مەقئەت يېرىلىشنى داۋالايدۇ.
تاتلىقياڭيۇ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئورگانىزىمنىڭ زەئىپلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىمۇ ئۈنۈمى بار، يەنە جىگەر ياللۇغى ۋە سېرىقلىق چۈشۈشنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالايدۇ.
دائىم تاتلىقياڭيۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسىي يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
تاتلىقياڭيۇ ئادەم بەدىنىدىكى شىللىق پەردىلەرنى قوغدايدۇ، جىگەر، بۆرەكتىكى قوشقۇچى توقۇلمىلارنىڭ يىگىلىشى ۋە كوللاگېنلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تاتلىقياڭيۇنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇنى بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
تاتلىقياڭيۇ كراخمالنى كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتىدە ئېرىتىپ ئىچىش ياشانغانلار ۋە بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلدۇر.
سوۋۇپ قالغان تاتلىقياڭيۇنى يېگەندە ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يېقىمسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاتلىقياڭيۇ ئاشقازاندا كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا ئاشقازان يارىسى بارلار ھەمدە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر تاتلىقياڭيۇ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
سېسىغان (قارا داغ پەيدا بولغان) ۋە بىخلانغان تاتلىقياڭيۇ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، شۇڭا بۇنداق تاتلىقياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
تاتلىقياڭيۇدىن پىنتوزا ياساپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما پىنتوزا ياساش داۋامىدا ئۇنىڭغا ھەمىشە زەمچە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر بۇنداق پىنتوزا كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، ئاليۇمىننىڭ بەدەنگە يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقتىن، سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ.
تاتلىقياڭيۇنى بىر قېتىمدا زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك، ئۇنى گۈرۈچ ئۈنى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، مەيدە ئېچىشىش، ئاچچىق سۇ يېنىش، قورساق ئېسىلىش، يەل كۆپ كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号