پانتوتېنىك كىسلاتانىڭ ئارخىپى
باشقىچە ئاتىلىشى: ۋىتامىن B5
تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: پانتوتېنىك كىسلاتا ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت، ئۇ B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرخىلى بولۇپ، رەڭگى سۇس سېرىق. پانتوتېنىك كىسلاتا ئانتىتېلا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بېسىمغا قارشى تۇرۇش، چاچ، تېرە ۋە قاننىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ.
ئاساسلىق رولى: نورمال يېتىلىشنى ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى، نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ نورمال ئىشلىشىنى ساقلايدۇ.
پانتوتېنىك كىسلاتا يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B6لار بىلەن بىللەن رول ئويناپ ئانتىتېلا ھاسىل قىلىپ، زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.
كۆپ خىل ئانتىبىئوتىكلارنىڭ زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرىنى، ھەيزدىن ئاۋۋالقى جىددىيلىشىش يىغىندى ئالامىتىنى ۋە كۆڭلى ئېلىشىش ئالامىتىنى پەسەيتىدۇ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ، چارچاشنى تۈگىتىپ، ھەرخىل بېسىمغا تاقابىل تۇرىدۇ.
ياغ ۋە شېكەرنىڭ ئېنېرگىيىگە ئايلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا، ئادەم بەدىنىنىڭ پارا-ئامىنو بېنزوئىك كىسلاتا ۋە خولىندىن پايدىلىنىشىدا زۆرۈر ئېھتىياجلىق ماددىدۇر.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:
ئادەم بەدىنىدە پانتوتېنىك كىسلاتا يېتىشمەسلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۆرۈنەرلىك ئالامىتى مۈچە نېرۋىلىرى ئاغرىش يىغىندى ئالامىتىدىن ئىبارەت، بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ دەسلەپتە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بايقالغان، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە بېرمىدا بەزى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بىرخىل كېسەلگە مۇپتىلا بولغان، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى پۇت بارماقلىرى سەزمەس بولۇپ قېلىش، پۇت كۆيگەندەك ئاغرىش، يول ماڭغاندا دەلدەڭشىشتىن ئىبارەت.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
رېماتېزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار: كۈنىگە بىر گرام پانتوتېنىك كىسلاتا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
تۇرمۇشى جىددىي، ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغانلار: پانتوتېنىك كىسلاتا ئادەم بەدىنىنىڭ بېسىمغا قارشى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ، ئادەمنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. روھىي بېسىممۇ ئادەم بەدىنىنىڭ پانتوتېنىك كىسلاتانى شۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر مۇۋاپىق تولۇقلىشى زۆرۈر.
كۆپ ھاراق ئىچىدىغانلار: ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ئادەم بەدىنىنىڭ پانتوتېنىك كىسلاتانى شۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا پانتوتېنىك كىسلاتا يېتىشمەسلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى نورمىدىن تاشقىرى تولۇقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر.
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىۋاتقان ئاياللار: ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئادەم بەدىنىنىڭ پانتوتېنىك كىسلاتانى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن، دائىم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىدىغان ئاياللار پانتوتېنىك كىسلاتا ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.
تاماكا چېكىدىغانلار: تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خورىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى شۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىنى تورمۇزلايدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىدىغانلار پانتوتېنىك كىسلاتانى نورمىدىن ئارتۇق تولۇقلاپ، پانتوتېنىك كىسلاتا يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
پۇت-قولى ھەمىشە سانجىپ ئاغرىيدىغانلار: ئادەم بەدىنىدە پانتوتېنىك كىسلاتا يېتىشمىگەندە، بۇنىڭ بىر ئالامىتى پۇت-قول سانجىپ ئاغرىشتىن ئىبارەت. بۇنداق چاغدا مۇۋاپىق مىقداردا پانتوتېنىك كىسلاتانى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، يېقىمسىزلىنىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
پانتوتېنىك كىسلاتا تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەركىن ھالەتتە ياكى بىرىككەن شەكىلدە بارلىق ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەجەيرىلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى ئىنتايىن كەڭ. تەركىبىدە پانتوتېنىك كىسلاتا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدىن ئىبارەت.
مىقتارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
نۆۋەتتە بىلىشىمىزچە، پانتوتېنىك كىسلاتا زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس. لېكىن ككپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بىراق بۇ ئەھۋال ئادەتتە دائىم ئۇچرىمايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە دېگۈدەك پانتوتېنىك كىسلاتا بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ئادەتتە ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز.
پانتوتېنىك كىسلاتانى B گۇرۇپپىدىكى باشقا ۋىتامىنلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.
ئىنچىكە پىششىقلاش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، كونسېرۋا ئىشلەش، توڭلىتىش قاتارلىقلار يېمەكلىك تەركىبىدىكى پانتوتېنىك كىسلاتانى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
كوففېئىن، سۇلفانىلامىدلار، ئۇيقۇ دورىسى، ئانىلىق ھورمۇنى، ئىسپىرت قاتارلىقلار پانتوتېنىك كىسلاتانىڭ كۈشەندىسىدۇر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号