تونۇش: ئۇرۇقدان خالتىسى قىچىشىش ئۇرۇقدان خالتىسى كۈچلۈك قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ھەرخىل يەل خۇسۇسىيەتلىك ماددىلارنىڭ خالتا تېرە قاتلىمىغا ئورۇنلىشىپ قېلىشى، تېرىنىڭ ئەسەبى كېسەللىكى ۋە ياللۇغلىنىشى، ئاشقازان، جىگەر كېسەللىكلىرى، دىئابېت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئۇرۇقدان خالتىسى تېرىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىپ ئازابلايدۇ، تولا قاشلاشتىن خالتا تېرىسى زىدىلىنىدۇ، قېلىنلىشىپ كېتىدۇ. بىمارنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئۇخلىشىغا دەخلى يېتىدۇ، قىچىشىش تۈپەيلىدىن بىمار ئەسەبىيلىشىپ تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: يەل ھەيدىگۈچى، قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号