جىنسىي ئەزاسى تامچە قۇرتتىن ياللۇغلانغان ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى تامچە قۇرتتىن ياللۇغلىنىدۇ، يەنى تامچە قۇرت سۈيدۈك يولى ئارقىلىق تەتۈر مېڭىپ مەزى بېزىگە كىرىپ ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.
تامچە قۇرت مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كىلىنكىدىكى ئىپادىسى خىلمۇ خىل بولىدۇ، ئاساسلىقى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى قائىدىلىك تەكشۈرگەندە، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئەينەكتە تەكشۈرگەن ۋە باكتېرىيە يېتىشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە تامچە قۇرت كۆرۈنىدۇ. تامچە قۇرت ئۇرۇقنى يۇتۇۋېلىپ، پەرزەنت كۆرەلمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号