مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى قانداق داۋالىنىدۇ؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 00:10 10-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 964
مەزى بېزى تۇبېركۇليوزىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك تۇبېركۇليوزنى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى بۇنىڭدىمۇ ئارام ئېلىش، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، تۇبېركۇليوزغا قارشى داۋالىنىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلسا ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ، ئادەتتە رىمىفون، سترېپتومىتسىن، رىفامپىن، پىرازىنامىدلار ئاساس قىلىنغان ئىككى ياكى ئۈچ خىل دورا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدۇ. داۋالاش ۋاقتى 2-3 ئاي داۋاملاشتۇرىلىدۇ.