ئۆتكۈر خاراكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىدا قىزىتىش، سۈيدۈك يولى غىدىقلىنىشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئۆزىدىكى كېسەللىك ئالامىتىنى خېلى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن، كېسەللىك ئالامىتى قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكى، سىيىشى نورمالسىز بولۇۋاتقانلىقى، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە روھىي ھالىتى نورمال بولمايۋاتقانلىقىغا ئوخشاش ئالامەتلەرنى سېزىدۇ. بۇ ئالامەتلەر گاھ روشەن، گاھ سۇس بولىدۇ، تەكرار كۆرۈلىدۇ ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. غەم كۈچەيگەنسېرى كېسەللىك ئالامىتى شۇنچە روشەنلىشىدۇ. ئەمما، خىزمەت ئالدىراش، ئۆگىنىش جىددىي بولسا، دىققەت يۆتكىلىپ كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىللەيدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە مەزى بېزى ياللۇغىدىن گۇمان قىلىپ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىدە داۋالىنىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号