مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلار كۈندىلىك خىزمەت ۋە يېتىپ-قوپۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 00:08 10-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 1020
ئادەتتە زۇكام بولۇپ قېلىشتىن، سوغۇق تېگىشتىن ۋە چوڭ تەرەت قېتىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش زۆرۈر. ئۇزاق ئولتۇرىدىغان، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلىشپىت مىنىدىغان، ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان ۋە تۇرالغۇسى نەم جايدا بولغانلاردىن بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىيدىغانلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇزاق ئولتۇرۇشقا، ۋېلىسپىت مېنىشكە ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەزى بېزى بېسىلىپ، ئۇنىڭدا قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.