ئەگەر كۆپىنچە دىئابېت بىمارلىرىدا «ئۈچ كۆپلۈك» بولسا ئۇنداقتا ھەممىسىدە «بىر ئازلىق» بار دېگەن گەپ. بۇ «بىر ئازلىق» ئورۇقلاشلا ئەمەس، بەلكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ۋە كۈچى ئاجىزلاشنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇنلىغان بىمارلار كېسەلگە گىرىپتار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بولۇپمۇ پۇتىدا كۈچ قالمايدۇ. ئىشتىن چۈشكەندە ياكى سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلغاندا پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولۇپ دەرھال يېتىپ بىرئاز ئارام ئالغۇچى كېلىدۇ، ئۇ چاغدا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆلچىگەندە، ئۆزى گەرچە كۆرۈنۈشتە ئورۇقلىمىغاندەك بولسىمۇ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بەزى دىئابېت بىمارلىرى باشتىلا ئورۇقلاپ كېتىدۇ. «بىر ئازلىق» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر:
(1) شېكەر مۇۋاپىق ئىشلىتىلمەي، بەدەن يېتەرلىك ئېنېرگىيەگە ئېرىشەلمەسلىك.
(2) بەدەن شېكەر ماددىسىنى ياخشى ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن، مۇسكۇلنى خورىتىپ ماينى پارچىلايدۇ.
(3) بەزى مىنىرال ماددىلارنىڭ يوقىلىشىدىن ياكى قاندىكى كالىي كەم بولغانلىقتىن ماغدۇرسىزلىق، كۈچسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(4) دىئابېت بىمارلىرىدا ۋېگېتاتىۋ نېرۋىدىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، مۇسكۇل نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. دىئابېت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن «بىر ئازلىق» ئالامىتى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号