ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى 45 ياشتا قېرىشقا باشلايدىكەن
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 14:12 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 1282
كىشىلەر ئادەتتە چوڭ مېڭىنىڭ 50ياكى 60 ياشتا قېرىيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئەنگىلىيىلىك تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېيىشتى: ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى 45 ياشتا قېرىشقا باشلايدۇ، ئەمما بۇ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە تەۋە قىلىۋېتىلىدۇ.
لوندون ئۇنۋېرستىتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دىيىلدى: ناۋادا سىز چوڭ مېڭىڭىزنىڭ بالدۇر قېرىشىنى، ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ، تاماكا چەكمەڭ، چېنىقىشنى كۈچەيتىڭ.