ھاراق تاماكا ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 14:10 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 1338
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى نىكوتىننىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن. چۈنكى، ھاراقكەشلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چېكىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بىر رايوندىن كەلگەن 172 نەپەر ئەرنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 103 نەپەر ئەر ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار ئىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار بىلەن تاماكىنى كۆپ چېكىدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىگىلەش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان. گەرچە نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەردە تاماكا چەككەندىن كېيىن تېتىكلىشىش ۋە زېھنى تېخىمۇ مەركەزلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى يەنىلا كۆپ بولىدىكەن.