تەركىبى: زۇپا ھىندى 15 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرام، پىرسىياۋشان 15 گرام، ئۇۋاق ئۈزۈم 15 گرام، بادام مېغىزى 9 گرام، زىغىر 9 گرام، چىلغوزا مېغىزى 9 گرام، پىلپىل 3 گرام، ئارپىبەدىيان 3 گرام، پىننە 3 گرام، ھەسەل 200 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئۆلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ بادام مېغىزى، ئۇۋاق ئۈزۈمنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياشارتىش، بەلغەم بوشىتىش، كۆكرەكنى تازىلاش، يۆتەل پەسەيتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، كاناي ياللۇغى، گال ئاغرىقىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گىرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号