تەركىبى: زىرە 9 گرام، قارا ھېلىلە 6 گرام، سۆرۈنجان 6 گرام، كۈدە ئۇرۇقى 9 گرام، مۇقەل 6 گرام، شېكەر 120 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەرنى قىيام قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، قىيام سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: يەلدىن بولغان بوۋاسىر كېسەللىكلىرى، مەقئەت ئىششىقى، مەقئەت يېرىلىش، مۇپاسىل ئاغرىقىنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: يۇقىرى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号