تەركىبى: سۆئلەپ مىسرى 18 گرام، شاقاقۇل 18 گرام، بادام مېغىزى 18 گرام، پىستە مېغىزى 18 گرام، ياڭاق مېغىزى 18 گرام، چىگىت مېغىزى 18 گرام، ئاقلانغان كۈنجۈت 18 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى 18 گرام، خولىنجان 9 گرام، توم زەنجىۋىل 9 گرام، ئاق بەھمەن 9 گرام، قىزىل بەھمەن 9 گرام، ناۋات 270 گرام، ھەسەل 500 گرام.
تەييارلىنىشى: مېغىزلىق دورىلاردىن باشقىسىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى قىيام قىلىپ ئۈستىگە ھەسەلنى قويۇپ، بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئىلىۋېتىپ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: بۆرەك، مېڭە، يۈرەك، باھنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، بۆرەكنى، ئومۇمىي بەدەننى سەمىرتىش ۋە قىزىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىق، دىئابېت كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ئون گرامدىن. كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号