تەركىبى: پوستى ھېلىلە زەرد 9 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 9 گرام، بەلىلە پوستى 9 گرام، ئامىلە پوستى 9 گرام، بۇيا غازىڭى 9 گرام، قارا ھېلىلە 9 گرام، شاھتەررە 18 گرام، قەسبۇزەرىرە 6 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى 6 گرام، سېرىقماي 15 گرام، قەنت 300 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 6 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قەنتنى قىيام قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، سوقۇلغان دورىلارغا سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: قىچىشقاق، قىزىل تەمرەتكە، كالا تەمرەتكىسى، تەڭگە تەمرەتكە، سىفلىس، جۇزام قاتارلىق يامان سۈپەتلىك تېرە كېسەللىكىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号