تەركىبى: سانايى مەككى 52 گرام، قىزىلگۈل گۈلقەنتى 52 گرام، بەلىلە پوستى 30 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گرام، قارا ھېلىلە 30 گرام، ئۇۋاق ئۈزۈم 20 گرام، توم زەنجىۋىل 21 گرام، ھەسەل 500 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئاۋۋال قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى، ئاندىن كېيىن ئۇۋاق ئۈزۈمنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: مېڭە، ئۈچەيدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، قان تازىلاش، قەۋزىيەتنى بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: يەل قۇلۇنجى، قەۋزىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号