تەركىبى: سۆرۈنجان مىسرى 30 گرام، سانايى مەككى 15 گرام، زىرە 6 گرام، توم زەنجىۋىل 6 گرام، قارىمۇچ 6 گرام، ھەسەل 190 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: سوغۇق يەلدىن بولغان پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل، رېماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغىنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: يۇقىرىقى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئون گرامدىن، كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号