تەركىبى: سۆرۈنجان مىسرى 18 گرام، بوزىدان 6 گرام، ماھىزەھىرەج 6 گرام، بىخ كەبىر 6 گرام، زىرە 6 گرام، شاھتەررە 6 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 21 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 5 گرام، ئارپىبەدىيان 5 گرام، ئاقمۇچ 5 گرام، قارىمۇچ 5 گرام، ھىندى تۇزى 5 گرام، خېنە ياغىچى 5 گرام، كۆپۈكى دەريا 5 گرام، قىزىلگۈل 9 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 9 گرام، توم زەنجىۋىل 9 گرام، سوقمۇنىيا 9 گرام، بادام مېغىزى 15 گرام، ئاق تۇربۇت 15 گرام، ئۇد ھىندى 30 گرام، لاچىندانە 30 گرام، ھەسەل 1500 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەلنى سۇس ئوت بىلەن بىر ئۆرلىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، بادام مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: بوغۇملاردىكى نورمالسىز خىلىتلارنى سۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل مۇپاسىل كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: سوغۇق يەلدىن بولغان پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل، رېماتىزىم، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغى، سۆڭەك ئاغرىقىنى پەسەيتىش، چىقىپ كەتكەن بوغۇملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ئون گرامدىن. كىچىكلەرگە مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号