لەقۋا ( يۇز نىرۋا پالىچى )
تونۇش: بۇ ھەر خىل سەۋەپلەردىن يۈز نېرىپلىرى زەخمىلىنىش ياكى بېسىلىشتىن روھى نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانى توسقۇنلىققا ئۇچراش نەتىجىسىدە يۈزنىڭ مۇسكۇل، پەيلىرى بوشىشىپ ئېغىز بىر تەرەپكە مايماقلىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت .
سەۋەبى :
1. ماددىسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسەرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
2. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
3. گەجسىمان بەلغەم تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
4. مىڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
5. مىڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
6. مىڭە تىقىلمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
ئالامىتى: بۇ كېسەللىكتە بىر تەرەپ يۈز مۇسكۇلى ۋە پەيلىرى پالاچلىنىپ بوشاپ كەتكەنلىكتىن ئېغىز ساق تەرەپكە تارتىشىپ مايماق بولۇپ قالىدۇ، يەڭگىل بولغاندا كۆزدە ئېنىق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۇستۈنكى قاپاق ساڭگىلاپ كۆزنى ئېچىش توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ. بىمارنىڭ سۆزلەش، چايناش، پۈۋلەش ۋە يۇتۇش ھەرىكەتلىرى راۋان بولمايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. تەم سېزىش ئىقتىدارى سۇسلىشىدۇ ياكى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ .
دىئاگنوز ئاساسى: كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. مىزاج بۇزىلىشتىن بولغان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2. مىڭە ۋە باشقا ئەزا كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خخل كېسەللىكلەرەە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
3. مىڭە، نېرۋا، پەي، مۇسكۇل ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بولغان دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى: بىمارغا كېسەللىك باشلىنىپ 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە ھىچقانداق تاماق ۋە دورا بەرمەي مائۇل ھەسەل ۋە مائۇل ئۇسۇل بىرىلىدۇ .
ماددىسىز ھۆل سوغۇقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ھۆللىكنى قۇرتۇش ۋە بەدەننى قىززىتىش مەخسىتىدە دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىلى تاللاپ ئىشلىتىىلىپ كېسەللىك ماددىسى تازلىنىدۇ .
ماددا تازلىنىپ بولغاندىن كىيىن بەدەندىكى ھۆللىكنى يوقۇتۇش، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش مەخسىتىدە ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپتىن تەڭ، ماس قەدەملىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1-كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە تاماق بېرىشتىن چەكلىنىدۇ ھەم زىيادە ئىسسىق زىيادە سوغوق تەبىئەتلىك، مايلىق، غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ
2- كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە پەقەت مائۇل ئۇسۇللا بېرىلىدۇ
3- سوغوق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغوق سۇ ئىچىش، سوغوق مۇھىتتا تۇرۇشتىن ، ئېغىر جىسمانى ھەركەت قىلىشتىن، زىيادە چارچاش غەم ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号