ئۇيقۇنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرى
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 12:40 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 1582
ئوڭاي ئۇخلاش: كەچلىرى ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ ئاندىن تىلىڭىزغا بىر چىمدىم تۇز قويۇپ سىناپ بېقىڭ. مېنىڭ تەجرىبەم ۋە باشقىلارنى كۆزىتىشلىرىمگە قارىغاندا، بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىنلا ئۇخلاپ قالىسىز. بۇ خىل مۆمچەرىمچە سۇ ۋە تۇز چوڭ مېڭىنىڭ توك قويۇپ بېرىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ئادەمنى ئۇيقۇغا باشلايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، تۇزنى يۇقىرىقى تاڭلىيىڭىزغا تەگكۈزمەڭ، بولمىسا ئىسسىقىڭىز ئېشىپ كېتىدۇ.
كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىشمۇ ئۇخلاشقا پايدىلىق، بۇنىڭ رولى بىر تال ئۇيقۇ دورىسى بىلەن باراۋەر.