سوزۇلما خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش ئارسېخەيموجېڭنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. مېنىڭ قارىشىمچە ئارسېخەيموجېڭنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى مېڭە ھۈجەيرىسىدىكى سۇ كەمچىللىك. بەزى رايونلاردىكى سۇ تەركىبىدە ئاليۇمىننىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن. ئاليۇمىننىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى سۇسىزلىنىش كېسىلىنىڭ بىر قوشۇمچە سەۋەبى، بەزى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە كىشىلەر ئاليۇمىن سۇلفات بىلەن شەھەرنى تەمىنلەيدىغان سۇنى ساپلاشتۇرىدۇ. سۇسىزلىنىش كېسىلى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ساقايمىسا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قورۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەسىلىدە كۆپچىلىك ئۆرۈكنىڭ قاق بولۇش ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسا بولىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى، سۇسىزلانغان ھالەتتە چوڭ مېڭە ئاستا-ئاستا نۇرغۇن ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن: نېرۋا ئۇچۇرلىرىنى نېرۋىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان يەتكۈزۈش سىستېمىسى كاردىن چىقىشى مۇمكىن. مېنىڭ بىر دوختۇر ئاغىنەم مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەنى، مەجبۇرىي ھالدا كۆپ سۇ ئىچكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان.. ھازىر ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئەسلىگە كېلىپ ئىلگىرىكىدەك ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ ئولتۇرماي باشقىلار بىلەن پاراڭلىشالايدىغان بولدى. ئاران بىر نەچچە ھەپتە ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئۇسۇل كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىدى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号