تونۇش: نېرۋا ئاجىزلىقى كىلاسسىك ئەسەرلەردە «زەئفى ئەسەب» دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مىڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تۇرمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كىلىنكىدا باش ئاغرىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق ، زېھنىنى يىغالماسلىق، پيىكىر خىيالى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئاساسن ھاياقانلىنىش، يۈرەك سېلىش، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ .
سەۋەبى :
1. پاسسىپ روھى كەيپىيات ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن يۇز بىرىدۇ .
2. قاقالايمىقان تۇرمۇش تەرتىۋى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
3. قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كىتىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
4. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
6. باشقىلار .
ئالامىتى: باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، قورقۇنچاقلىق، ماغدۇرسىزلىق، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئىچى سىقىلىش، يالغۇزلىقنى خالاش قاتارلىقلار بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى .
دىئاگنوز ئاساسى: تېپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ .
ئاقىۋىتى: ۋاقتىدا توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كىلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا مالىخۇلىيا، تۇتقاقلىق يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، جۇنۇن قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەرگە تەرەققى قىلىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى:
1. خىلىت سەۋەبىدىن بولسا خىلىتقا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2. باشقا سەۋەپلەردىن بولغان بولسا ، شۇ خىل سەۋەپ يوقۇتىلىدۇ .
3. ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى ياىشىلاش، مىڭە ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى: قاننىڭ ئازىيىپ كىتىشىدىن بولغان بولسا قان تولۇقلاش ئۈچۈن ئانار شەربىتى، ئالما شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى مەجۇنى خۇبسىلھەىدىدئەنجۈر شەربىتى، ئامىلە نۈشدارى قاتارلىقلارغا ئوخشاش دورىلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆرسەتمە بويىچە ئىشلىتىلىدۇ .
بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپۈيىپ كىتىشىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس بەلغەمنىڭ مۇنزىچى، ئاندىن بەلغەمنىڭ مۇسھىلى بىرىلىپ خىلىت بەدەندىن تازلىنىدۇ. ئاخىرىدا مىڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس سەۋدانىڭ مۇنزىچى، ئاندىن سەۋدانىڭ مۇسھىلى بىرىلىپ خىلىت بەدەندىن تازلىنىدۇ. ئاخىرىدا مىڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى، ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى تەسىرلىك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号