تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە ،يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىر ھەپتە ئىچىدە ياللۇغىنى قايتۇرىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا ،يۈرەك كېسەلىنىڭ قايتا قوزغلىش خەتىرى %45 يۇقىرلايدىكەن ،ئۈچ ئاي ئىچىدە يۈرەك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش خەتىرى %55 ئاشىدىكەن .
ناۋادا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇ خىل دورىلارنى چوقۇم ئىشلەتمەكچى بولسا ،ئېنتايىن ئاز مېقداردا ئىشلىتىشى كېرەك .دورىنى ئېستىمال قىلىش مۇددىتى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى .
غەيرى سېرول تىپدىكى ياللۇغ قايتۇردىغان ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ تەركىبىدە بەزى تەركىبلەر يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدىكەن .يۈرەك كېسىلى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار يۈرەككە زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن ،بۇ تەركىبلىك ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى قەتئى ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号