قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 11:43 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 1585

قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى
قاندىكى ياغلار ئاساسلىقى ترى گلىتسېرىد، فوسفورلۇق ياغ (فوسفاتىد)، خولېستېرول ۋە ئەركىن ياغ كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى خولېستېرول مىقدارى ئۆرلىسۇن، ياكى ترى گلىتسېرىد مىقدارى ئۆرلىسۇن، ياكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ مىقدارى تەڭلا ئۆرلىسۇن، ئومۇملاشتۇرۇپ قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قاتىل بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك، بەزىلەر ئۇنى «شەپىسىز قاتىل» دېيىشىدۇ. قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى قان تومۇر ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئارتېرىيىلەرنىڭ قېتىشىشى، قان تومۇر بوشلۇقىنىڭ تارىيىشىغا، ھەتتا بۆرەك شارچىلىرىنىڭ قاتتىقلىشىشى، زەخىملىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۆرەكنىڭ سىرتقى يان تەرىپىدە تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ قېتىشىشىنى تېزلىتىپ، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بىماردا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا
ۋىتامىن B1، ۋىتامىن E، ۋىتامىن C، سىنك، كوبالت، مانگان.
كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر
سامساق، پېدىگەن (چەيزە)، مور، باش پىياز، تەرخەمەك، كەرەپشە، كۆك كاۋا، خەيدەي، ماش، دادۇر، تاتلىقياڭيۇ، چاي، يىرىك سۇلۇ، دولانا، ئالما، بېلىق، ئۆسۈملۈك يېغى قاتارلىقلار.
قاندا خولېستېرول مىقدارى يۇقىرىلار تۇخۇم سېرىقى، گۆش (بولۇپمۇ سېمىز گۆش)، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، مېڭىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. قاندا ترى گلىتسېرىد مىقدارى يۇقىرىلار شېكەر، تاتلىق يېمەكلىكەرنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى ھەمدە ئومۇمىي يېمەكلىك مىقدارىغا چەك قويۇشى لازىم.