40-قەۋەت
2011-9-21 17:54:00 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، كۆپچىلىك قارىغاندا بۇ ئاپراتنى ئانچە چۈشەنمىگەن چېغى.
بۇ خىلدىكى قويغۇچلار ئادەتتە ھازىر بازاردا ۋە توردا ئەڭ مودا بۇلىۋاتقان كىنۇ فىلىم فورماتلىرىنى بىمالال قوللايدۇ. ئىقتىدارلىرى ھازىر بارغانسىرى كىڭىيىۋاتىدۇ.
كۈلكە ئەپەندىمنىڭ بۇ مەسھۇلاتنى كىڭەيتمەكچى بولغانلىقى ناھايتى ياخشى بوپتۇ.
ھازىر بىر قىسىم خەنزۇچە مۇنبەرلەردە مەخسۇس مۇشۇ خىلللاردىكى قويغۇچلارنىڭ سېستىما ھۆججىتىنى (固件) سىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ۋە ئىش قۇشۇپ زاۋۇتتىن چىققاندىكى ئىقتىدارلىرىغا تېخىمۇ يېڭى ئىقتىدارلىرىنى قۇشۇپ ئەلالاشتۇرۋاتىدۇ. مەسىلەن: تىلىۋۇزۇرغا چېتىلغان ۋاقىتتىكى كۈرۈنمە يۈز، خەتلەر، تەگلىك رەسىم، ب ت دىن چۈشۈرۈش، شۈنلىينىڭ، چچ نىڭ ۋە نىمە يەنە بىر نەچچە خىل تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتى بار تور بىكەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنىش،تورغا چىقىش (سىملىق ياكى سىزمىز) ررس خەۋەر قاناللىرى ۋە تىلىۋۇرۇز قاناللىرىنى قۇشۇش ۋە تەھرىرلەش، رادىئو قاناللىرىنى قۇشۇش (ئەلۋەتتە تور سىمى چېتىلغان ئەھۋالدا ئىشلەيدۇ. مەن تىلىۋۇزۇر كۈرۈپ سىنىدىم ئۈزۈمنىڭكىدە. بۇ خىلدىكىك ئەلالاشتۇرۇلغان سىستىما ھۆججەتلىرى ياكى مەخسۇس يۇمشاق دىتاللىرى بىلەن سىستىمىغا يېزىش ۋە تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشقا تامامەن مۇمكىن)قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قۇشۇشقا بۇلىدىغان بۇلۇپ، شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تىلىۋىزىيە قاناللىرىنىنىڭ ئادرىسىنى سىرىتتىن يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق بىۋاستە يېزىش ۋە قۇشۇش، رادىئو ئىقتىدارلىرىنى قۇشۇش....... دىگەندەك ئىقتىدارلارنى قۇشۇش تېخنىكىسىنى يوللاۋاتىدۇ. بىراق، بىر قىسىم قويغۇچلارغا نىسبەتەن بۇ ئىقتىدارلارنى قوشغىلى بولمايدۇ . مەسىلەن مىنىڭ 开博尔H1037 تىپلىق بۇلۇپ، شىركەت تەرەپ بۇ قويغۇچنىڭ يېڭى سىستىما بولاقچىسىنى 1-ئايدا يېڭىلىغىنىچە ھازىرغىچە يېڭىلىمىدى. بىراق HDCFANS قاتارلىق بىر قىسىم تېخنىلىك مۇنبەرلەردىكى ھەۋەسكارلارشىركەت تور بىكىتىدىن كونا 固件 سىنى چۈشۈرۈپ ، يىشىپ، قويغۇچ سىستىمىسىغا ھازىرقى مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان قويغۇچلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنى قۇشۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ ھەقسىز تارقاتقان. بىر نەچچە كەسپىي ھەۋەسكارلارنىڭ سورىغان سۇئالىمغا جاۋاب بىرىشىچە خېلى كۆپ قىسىم قويغۇچلارنىڭ سىستىمىسىنى يىشىش بىلەن بىرگە سىستىما ئىچىگە خالىغانچە خەت نۇسخسى قۇشۇش، رەسىملىرىنى تەھرىرلەش (مەسىلەن، كۈرۈنمە يۈزىدىكى خەنزۇچە خەتلەربار كۆرسەتمىلەر رەسىم شەكلىدە بولسا ئۇيغۇرچە يىزىق يىزىلغان رەسىملەرگە ئالماشتۇرۇش دىگەندەك) قاتارلىق ئۈزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا بۇلىدىكەن.
بۇ يەردە كۆپچىلىككە يەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم، بۇ خىلدىكى قويغۇچلار ئىنىقكى سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى كىنۇ كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشى. بىراق، سېتىۋالغاندا سىستىمىسىنى (固件) يېڭىلاشقا بۇلامدۇ بولمامدۇ، شىركەت تەرەپ داۋاملىق يېڭىلاپ ئېلان قىلامدۇ قىلمامدۇ؟ ، 固件 نى يېڭىلاش مەشغۇلاتى قىلغاندا مەشغۇلاتنى قىلالمىغاندا تېخنىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەمدۇ تەمىنلىمەمدۇ شۇنى سوراش بىلەن بىرگە www.hdpfans.com قاتارلىق تېخنىلىق تور بىكەتلەردە شۇ خىلدىكى قويغۇچلارنىڭ 固件نىڭ ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسخلىرى ئېلان قىلىنامدۇ ياقمۇ بىر قۇر كۈرۈپ ئاندىن سېتىۋېلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمەن.
قويغۇچلارنى توردىن سېتىۋېلىشمۇ ياخشى ئىش، ياخشى يىرى قاتتىق دېسكىنىمۇ قۇشۇپ سېتىۋالسىڭىز قاتتىق دېسكىغا ئەڭ سۈزۈك نۇسخدىكى (1080P، 720P) نۇسخدىكى فىلىملەرنى تولدۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ ھالدا سىز نادىر كىنۇلارنى توردىن نەچچە ئايغىچە چۈشۈرمەن دەپ قىينالمايسىز.
تىلىۋۇزۇرلارغا كەلگەندە ھازىر 42 دىئوملۇق نىپىزتىلىۋۇزۇرلارنى 3500 سوم ئەتراپىدا. HIDM ۋە ئىكرانلارنى چېتىشقا بۇلىدىغان، بارماق دېسكا چاتقىلى بۇلىدىغانلىرىمۇ ھازىر تەرەققىي قىلىپ كەتتى. بىراق، تىلىۋۇزۇر دىگەن تىلىۋۇزۇر، ئۇ كومپىيۇتىر ئەمەس. ئۇنىڭدا بىۋاستە بارماق دېسكا چېتىپ كىنۇ كۈرىدىغان ئۇسۇلمۇ ئانچە يېڭى تېخنىكا ئەمەس. كىنۇ فورماتلىرىنى قوللىشى ياخشى ئەمەس. (ئەگەر سىز كىنۇ كۈرۈش ھەۋەسكارى بولمىسىڭىزلا).
گەپنى يىغىپ ئېيىتقاندا، بۇ خىلدىكى قويغۇچ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ. سۈزۈك كىنۇ كۈرۈش ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن RMVB RM شەكلىدىكى كىنۇلار ماس كەلمەيدىغان ، ياراتمايدىغان بوپ كەتتى. شۇڭا بۇنداق قويغۇچلارنى سېتىۋېلىش توغرا تاللاش.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى قويغۇچلار بىر دانە ئاساسىي تاختىغا سىستىما شەكلىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ۋە توپلاشتۇرۇلغان ئىچى قۇرۇق چىقىدىغان ئاپىراتىن ئىبارەت. خۇددى DVD ، VCD دىگەندەكلەرگە ئوخشاش. ئەڭ مۇھىم نەرسە ئۇنىڭ ئىقتىدارى يەنى توپلاشتۇرۇپ يېزىلغان سىستىمىسى.
ھازىربازاردا ، تاۋباۋلاردا 2TB لىق قاتتىق دېسكىغا ئۈزىڭىز تاللىغان كىنۇلارنى كۈچۈرۈپ بىرىش مۇلازىمىتى بىلەن ئىقتىدارلىق قويغۇچلارنى ساتىدىغان دۇككانلار كۆپ. ئومۇم باھاسى تەخمىنەن 700~1300 گىچە. مىنىڭچە بۇمۇ ياخشى ئۇسۇل.
بىلمىدىم، كۈلكە ئەپەندىم دۇككىندىكى قويغۇچلارغا قاتتىق دېسكا سەپلەپ، خەتلىك كىنۇلارنى ھەقسىز تولدۇرۇپ بىرىدىغان مۇلازىمەتنى قىلدىمۇ قىلمىدىمۇ ماڭا قاراڭغۇ. ئەمما مىنىڭچە ئۈزى ۋە گۇرۇپپىدىكىلەر بۇلىدۇ دەپ قارىسا مەلۇم دەرىجىدە باھا قۇشۇپ مۇشۇنداق مۇلازىمەتنىمۇ قۇشۇپ قويسىمۇ بۇلىدۇ. بىراق بۇ يۇقىلاڭ بىر تەكلىپ. بۇنىڭغا قايناپ كىتىشمىگەيلا
ئەمما شۇنداق بوپ قالسا 720P شەكلىدە پىرىسلانغان خەتلىك كىنۇلار تولدۇرۇلغان قويغۇچتىن بىر نەچچىنى سېتىۋالىمەن. ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرىنى سۈزۈك كىنۇلاردا سۈزۈك تىلىۋۇزۇرلاردا ، يېڭى تېخنىكىلاردا كۈرۈنسە ئىسىل ئىش. 
ھە راس، كۈلكە ئەپەندىم، سىز قويغۇچنى سىنىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتنى 720 ياكى 1080P گە ئېسىپ كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ يۇنىكود نى تاللاپ قۇيۇپ كۆرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتنى ئۇقۇمدىكەن؟
شۈنلىينىڭ تورسىز يۈكلەش مۇلازىمىتى ئوبدان بوپ كەتتى، بىر قىسىم قويغۇچلارنىڭ 固件 سىگە مۇشۇ مۇلازىمەتتىن بەھىرلىنىش ئىقتىدارىنى قۇشۇپ ، چۈشۈرۈش ۋە كۈرۈش ئىقتىدارىنى خەنزۇ يولداشلار سىناۋاتىدۇ.
قويغۇچلارنىڭ 固件 سىنى ئەلالاشتۇرۇش يانفۇننىڭ 固件 سىنى ئەلالاشتۇرۇشتىنمۇ بەكرەك قول تۇتىدىغان چىراي. ئېتىشقىلى ۋاقىت چىقمىدى،
روك بۇرادەر ، ئىككىمىزنىڭ ماركىسى بىر خىلغۇ دەيمەن. 固件 سى قاچانقى 固件 ؟ يېڭىلاپ باقامدۇق يېڭىسىغا؟
www.hdpfans.com دىكى بىر باشقۇرغۇچى 1073 نىڭ شىركەت تەمىنلىگەن كونا سىستىمىسىنى يىشىپ ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىدارلارنى قۇشۇپ سەپلەپ، ش ج ت ۋ ۋە رادىئو نى قۇشۇپ، كۈرۈنمە يۈزىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىنى سىستىمىغا قۇشۇپ، خېتى رەسىم شەكلىدىكى جايلارغا ئۇيغۇرچە خەتلىك رەسىم تەمىنلەپ بەرسەم ئالماشتۇرۇپ 固件 ياساپ بىرىشكە ۋەدە قىلغان ئىدى، بەلكىم ئالدىمىزدىك ئايلاردا ئىۋەرتىشى مۇمكىن.
قويغۇچ سىستىمىسىغا ئۇيغۇرچە خەت قۇشۋىتىلسە ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتنى نۇرمال تۇنۇش ئىھتىماللىقى زور. قۇشۇش توغرا كەلسە UKI Tuz Tom نى قوشساق بۇلامۇ ياكى خەنزۇچە خەتمۇ قۇشۇلغان ،ئالىپ ئەپەندىم ياساپ ھەقسز تارقاتقان 宋体 خەت نۇسخسى بۇلارمۇ؟ ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر قۇشۇلغان 宋体 فونتى UKIJ TUZ TOM غا تەڭشەلگەن ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتنى نۇرمال تۇنامدۇ كومپىيۇتىردا؟
يولداشلار تەكلىپ بەرسە.
开博尔H1037 قويغۇچىسى بارلار ھايىت دەڭلار. |
|
- تىزىملاتقان
- 2010-10-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-4-22
- ھوقۇقى
- 4
- جۇغلانما
- 626
- يازما
- 115
- نادىر
- 0
چۇر

![[ تەجرىبە 1 _ دەرىجە ] ≥ 200](source/plugin/qz_mmm/images/0/fenzuan1.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: شۆھرەت ] تەلىپى: 180](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: نادىر تېما ] تەلىپى: 5](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: تەڭگە ] تەلىپى: 100](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: تېما سانى ] تەلىپى: 50](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: توردىكى ۋاقت ] تەلىپى: 48](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) [؟]
تەجرىبە- 383
شۆھرەت- 58
تەڭگە- 12
|