بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-29 01:09
بۇ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، لېكىن بەزىلىرى ھەقلىق، بەزىلىرى ھەقسىز بولغىنى بىلەن ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس دېگەندەك، بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان دېتال splashtop بولسا ھەقسىز ھەمدە سۈرئىتى تېز، تەڭشەش ئاددىي، ئەۋەتكەن كۆرۈنمە يۈز سىپتا بولۇشتەك بىرقاتار ئالاھىدىلىكلەر بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
بۇ دېتال بىلەن سىز كومپيۇتېرنى wifi ياكى 2G/3G تور بىلەن دائىرىلىك تور ياكى كەڭ بەلباغ تورى ئارقىلىق بىۋاستە يىراقتىن كونتروللاش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، بۇ چاغدا سىزنىڭ ئادەتتىكى تېلىفونىڭىز بىراقلا ئېسىل windows phone غا ئايلىنىدۇ، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا win8 قاچىلاقلىق بولسا ئۇنداقتا قولىڭىزدا ئادەتتىكى پەدتىن بىرسى بولسىلا سىز 8000مىڭ يۈەنلىك surface pro نىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز دېگەن گەپ، سىز كومپيۇتېردا قىلغان بارلىق مەشغۇلاتلارنى چەكمە مەشغۇلات ئارقىلىق ئېلىپ بارالايسىز، مەسىلەن تور ئارىلاش، كىنو كۆرۈش، ناخشا ئاڭلاش، ئەسەر يېزىش، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناش(ئەلۋەتتە چەكمە مەشغۇلات بىلەن) ئىشقىلىپ سىز ئادەتتە قىلغان مەشغۇلاتلارنى بىمالال قىلالايسىز. ئاۋۋال بىر يۈرۈش رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنىڭلار.
ئەسكەرتىش: بۇ دېتال windows, linux, mac, android, iphone قاتارلىق بىر قاتار سىستېمىلارنى قوللايدۇ، دەرسلىكتە بېرىلگىنى پەقەتلا windows+Android ، باشقىسى لازىم بولسا توردىن ئىسمىنى ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ. ياكى ئورگان تەرەپ ئادېرسى:http://www2.splashtop.com/zh-CN/personal
بۇ دېتال بىلەن پەقەت ئوخشاش بىر توردا بولسىلا ئاندىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر ئوخشاش بولمىغان توردىمۇ كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىڭىز 向日葵远程控制 نى بەيدۇدىن ئىزدەڭ، بۇ دېتال بىلەن ھەرقانداق جايدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ھەقسىز، ئەگەر تېخىمۇ نوچى قىلماقچى بولسىڭىز 300 يۈەنگە 开机棒 دىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز يىراقتىن كونتروللاپ كومپيۇتېرنى قوزغاتقىلى، ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. لېكىن پەقەت دائىرلىك توردىلا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يەنىلا دەرسلىكتىكى دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئىشلىتىش ئاددىي، ئۈنىڭ ئۈستىگە چاستوتىسى يۇقىرى، سېكونتىغا 30 قېتىم بولۇپ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى كۆرۈنۈشتىن ھوزۇر ئالالايسىز.
ئەمىسە دەرسلىك باشلاندى:
ئاۋۋال ماۋۇ دېتالنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
مانا كەتتى.
مېھمان ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
ئەمدى تېلىفونغا ماۋۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
مانا كەتتى.
مېھمان ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
ئەمدى كومپيۇتېردىكى دېتالنى ئېچىپ تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بىر ھېسابات ئىلتىماس قىلىمىز، رەسىمدىكىدەك:
ئامال بار گوگىلنىڭ ئېلخەتنى ئىشلىتىپ ئىلتىماس قىلىڭ، مەخپىي نومۇر خالىغانچە بولسا بولىۋېرىدۇ. ئەمدى تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن كىرىمىز.
ئەمدى تەڭشەكنى ئاچىمىز، يەنى 设置 غا كىرسەك تۆۋەندىكىدەك قىزىل بەلگە قىلىپ قويغان جايدىكى بىرىنچىسى پەقەت كۆچمە ئۈسكۈنىدىلا ئاۋاز چىقىرىش، ئىككىنچىسى پەقەت كومپيۇتېردىنلا ئاۋاز چىقىرىش، ئۈچۈنچىسى ھەر ئىككىلىسىدىن ئاۋاز چىقىرىش، بۇنى ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تەڭشەيمىز. باشقا تەڭشەكلەرنى خەنچە بىلسەك تەڭشەپ قويساق بولىدۇ.
ئەمدى 安全性 غا كىرسەك
ئاۋۇ كاتەككە بەلگە قويۇپ ئاندىن ئاستىدىكى ئىككى قۇرغا كومپيۇتېرنى كونترول قىلغاندا كىرگۈزىدىغان ئىمنى بەلگىلەيمىز، ھەرپ سان ئارىلاش بولۇشى كېرەك.
ئەمدى كومپيۇتېر بىلەن تېلىفون ياكى پەدنى ئوخشاش بىر روتىرنىڭ wifi غا ئۇلاپ تېلىفون ياكى پەدتىكى بايىقى ئەپنى قوزغىتىمىز، قوزغالغاندا ھېسابات نومۇرى ۋە ئىم سورايدۇ، باشتا بىز تىزىملاتقان ئېلخەت بىلەن ئىمنى كىرگۈزىمىز، مۇقىملاشتۇرساق كىرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوخشاش توردىكى ياكى باشقا يەردىكى ئوخشاش ھېسابات تەۋەلىكىدىكى كونتروللانغۇچى ئۈسكۈنىنى ئىزدەيدۇ، سىزنڭ بايىقى كومپيۇتېرىڭىزنى تاپقاندىن كېيىن باسساق ئىمنى سورايدۇ، بايا بەلگىلىگەن كونتروللاش ئىمىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرساق سەلدىن كېيىن ئۇلىنىدۇ ھەمدە كونتروللاش باشلىنىدۇ، سىز ئىككىلى ئۈسكۈنىدە تەڭ مەشغۇلات قىلالايسىز، ماس قەدەمدە ماڭىدۇ، ياكى بولمىسا كومپيۇتېردىكى دېتالدىن تەڭشەپ قويسىڭىز كونتروللاش باشلانغاندىن كېيىن دەرھال كونتروللانغۇچىنىڭ مائوس، كۇنۇپكا تاختىسىنى قۇلۇپلاش، ئېكراننى قۇلۇپلاش دېگەندەك تۈرلىرى بار، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى تامام، سىز ئادەتتىكى پەدتىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنى كۆرەلەيسىز، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىيالايسىز، ئەڭ مۇھىمى بۇ دېتال win8 نىڭ ئۆزگىچە چەكمە مەشغۇلاتىنى قوللايدۇ، يەنى سىز خۇددى surface ياكى windowsphone ئىشلىتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىسىز.
ئالدىراشچىلىقتا سەل تومتاق بولۇپ قالدى، خەنچە بىلىدىغانلارغا ئانچە تەس ئەمەس. پەقەت بىلمىسىڭىز خەنچە بىلىدىغانلاردىن سوراڭ، ياكى مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ. |