قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[ئاگاھلاندۇرۇش] قۇتيار ئۈچۈن چوقۇم كۆرۈڭ    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش18089
  • ئىنكاس3
0-قەۋەت
‎2012-2-11 18:27:23 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erdewil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-18 11:08  

سالام ھۆرمەتلىك قۇتيارنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى:
   سىلەرنىڭ قۇتيار ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقىنىڭلارغا تولىمۇ تەشەككۈر، قۇتيار مۇشۇنداق تىرىشچان تورداشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ،سىلەر بولغاچ بۇ بېكەت 1يىل ئىچىدە خېلى سالمىقى بار، تورداشلار ئامراق تورغا ئايلاندى. بولۇپمۇ تەرجىمە فىلىم ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. مۇشۇن يەردە بىر ئىشنى قۇتيارنىڭ ئىشتىركچىلىرىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز:قۇتيار تورى ئاساسىلىقى ئىلىم ئىگىلەش سورۇنى، يەنە كېلىپ قۇتيار تورىنىڭ كىنو فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشىدىكى سەۋەب تۇرمۇشتىن ئۆزگىچە ھۇزۇر ئېلىش ھەم خەنزۇ تىلى ياكى باشقا تىل بىلمەيدىغانلارغا ئەڭ ئەلا تىل ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىش، بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق يوشۇرۇن غەرەز ھەم  مۇددا يوق(مەيدىمىزگە ئۇرۇپ دېيەلەيمىز، بۇنىسى ئېنىق). بىراق بىر قىسىم تورداشلار قۇتيارنىڭ كىنو تەرجىمە قىلىشتىكى توغرا يۆنىلىشىنى ۋە پىرىنسىپىنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئېنىق ھەم توغرا ھېس قىلمايۋاتىدۇ. ئېنىقىنى دېسەك، بەزىلەرنىڭ تەرجىمە قىلغان فىلىملىرى(بولۇپمۇ قىسمەن ئەرەبچە، تۈركچە ، ئۆزبېكچىدىكى قۇيۇق دىنىي پۇراققا ئىگە مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر ھەمدە بىر قىسىم  ئەخلاقتىن چەتنىگەن چاكىنا كىنولار، بىدئەتچىلكنى تەشۋىق قىلىدىغان تۈرلۈك ئاۋازلىق ئەسەرلەر ياكى فىلىملەر)نى قۇتيار تورى  قوللىمايدۇ، بۇنداق فىلىملەرنى قۇتيار تورى ھەرگىز تەرجىمە قىلمايدۇ، شۇنداقلا قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ...
     شۇ چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى:
    قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى كەڭ دوستلار بىلەن بىرلىكتە  دۆلەتنىڭ سىياسەت ، ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان مەدەنىي تور بېكەت بەرپا قىلىدۇ. ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇتيار تورىنى ۋاستىچى ياكى ھەرىكەت سۇپۇسى قىلىۋېلىشىغا قۇتيار تورى ھەرگىز يول قويمايدۇ! قۇتيار تورى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئىدىيەسىنى يامان تەرەپكە بۇرايدىغان خىياللارنى بۇ جايغا سۆرەپ كىرمەسلىكىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!!


0370120099.jpg


     گەپنى كېسىپ ئېيتقاندا ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم-پەن تېمىلىرى، ئىلىم-پەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ھۆججەتلىك فىلىملەر، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان باشقا كىنو فىلىملەر ئۇيغۇرچ خەتلىك تەرجىمە قىلىنسا قۇتيار بۇنى قوللايدۇ، بەزى ھېيت-ئايەملىك سەنئەت فىلىملىرى ، ئىلمىي مۇنازىرە ،قىزىقارلىق كۆلدۈرگىلەر ياكى مۇزىكىلار قاتارلىقلارنى قۇتيار تورىدا يوللاشقا بولىدۇ. قىسقىسى قۇتيار تور بېكىتى چوقۇم ئىلم-پەن تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تېمىلارنى ئاساس قىلغان تور بېكەت شۇڭا بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى(ھەرخىل دىنى فىلىم،رەسىم، ئاۋازلىق ئەسەر ۋە ھاكازلارنى) قۇتيارغا يوللاشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ(كۆڭۈل ئېچىش، تەربىيەۋى خاراكتېردىكىلىرىنى يوللىسىڭىز بولىدۇ)، يوللىسىمۇ تەستىقلانمايدۇ(ھەرقانداق باشقۇرغۇچى شۇن خىلدىكى تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقى شەرت، تەستىقلىسا ھەممە ئاقىۋېتىگە ئۆزى مەسئۇل.). ھەم يوللىساملىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. يوللىغۇچىنىڭ ipسى خاتىرلەپ مېڭىلىپ مۇبادا ئويلىمىغان يەردىن مەسىلە كۆرۈلسە ئىسپات قاتارىدا ساقلىنىدۇ.(بۇنى چوقۇم بىلىپ قېلىڭ، ھەرگىز چاقچاق ئورنىدا كۆرمەڭ. پۇشايمانغا قېلىپ،يىغلايدىغان ئىشنى قىلماڭ!)
    سۈيۈملۈك تورداشلار، قۇتيار ئاساسلىقى كومپيۇتېر بىلىملىرى سورۇنى( قوشۇمچە كىنو كۆرۈش سورۇنى). قۇتيارنىڭ 10 يىل 20يىل 50يىل...ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن سىز ھېسسىياتقىلا بېرىلمەڭ. قۇتيارغا ئىلمى مۇئامىلىدە بولۇڭ. قۇتيارنىڭ كۆڭلىنى چوقۇم چۈشىنىڭ.
    قۇتيار سىزنىڭ ھەم شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ! ئۇنى قارچۇغىڭىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراڭ،رەھمەت.

(قەدىرلىك دوستۇم ھازىرچە خاتىرجەملىك ھەممىدىن ئەۋزەل!)


ھۆرمەت بىلەن قۇتيار تور بېكىتى
(قۇتيار تور بېكىتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە قەلەم تەۋرىتىلدى)
2012-يىلى11-فېۋرال


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
bogra0903 ‎+7 ‎+10 قوللايمەن. قۇتيار تور.
xun7lik ‎+1 ‎+1 قوللايمەن
almsoft ‎+3 ‎+2 قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : ‎شۆھرەت + 11  ‎تەجرىبە + 13   باھا خاتىرىسى

شەرەپلىك ئەزا

Rank:8

[؟]

تەجرىبە
745
شۆھرەت
222
تەڭگە
99
1-قەۋەت
‎2012-2-12 15:59:08 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
تورداشلارنىڭ مۇشۇ  نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققىەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
2-قەۋەت
‎2012-2-13 14:28:00 يوللىغان ۋاقتى
بارلىق باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئىنكاس ياكى تېمىلار بولسا ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ ماڭغان بولساڭلار.

بېكەت باشلىقى

تەرجىمە فىلىم تېخنىكى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
10814
شۆھرەت
2418
تەڭگە
5828

مۇنبەر باشلىقى تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

قۇتيار تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
3-قەۋەت
‎2012-3-15 21:21:27 يوللىغان ۋاقتى
قۇتيارغا مەڭگۈ سالامەتلىك تىلەيمەن....

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تەرجىمە فىلىم ئۇستىسى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
3889
شۆھرەت
775
تەڭگە
476

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

جان بېقىشنىلا دەپ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن  ھەي ئاۋۇ‹‹كىشى››!

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.111455 second(s), 18 queries . GMT+8, 2017-6-23 14:07  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش