قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[رەسىملىك دەرسلىك] [دەرسلىك] MeGUI دېتالى بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم پىرىسلاش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش11896
  • ئىنكاس12
0-قەۋەت
‎2016-1-2 12:51:43 يوللىغان ۋاقتى
MeGUI دېتالى بىلەن فىلىم پىرىسلاش

MeGUI  فىلىم پىرىسلاش دېتالى بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان فىلىم پىرىسلاش دېتالى بولۇپ، خەنزۇ مۇنبەرلىرىدىكى فىلىملەرنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق پىرىسلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەرجىمان ۋە كىرىشتۈرگۈچى تورداشلارمۇ مۇشۇ دېتال ئارقىلىق فىلىم بىلەن ئۇيغۇرچە خەت ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەيدۇ. قارىسام ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇ دېتال توغرىسىدا كۆپ تونۇشتۇرۇش يوقكەن، ھەم قىسقىچە دەرسلىكنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسى توردا ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىم پىرىسلاشنى ئۈگەنمەكچى بولغان تورداشلارغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. كەڭ فىلىم ھەۋەسكارلىرنىڭ پايدىلىنىشىنى سورايمەن.
ئالدى بىلەن بۇ دېتالنىڭ باشقا نۇرغۇن نەشىرلىرى بولۇپ، كۆپ قسىمى ئىنگىلىزچە بولۇپ،  MeGUI 2112简体中文版 دەپ بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز خەنزۇچە نۇسقىسىنى تاپالايسىز. شۇنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچىلاڭ.ئاندىن پىرىسلىماقچى بولغان فىلىم ھۆججەتلىرىنى تەل قىلىۋىلىپ ، پىرىسلاشنى ئۈگىنىشنى باشلاڭ.
1. مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش
1) تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە تاللانما(选项) دىگەن جايدىن تەڭشەك (设置)دىگەن تۈرنى بېسىڭ.
image001.jpg
2) بۇ چاغدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ. رەسىمدىكى قىزىل بويالغان جايغا دىققەت قىلىڭ. ئاپتوماتىك رەتلەشنى قوزغۇتۇش (自动启动队列) دىگەن تۈر ئالدىدا بەلگە قويۇلغان بولسا ئېلىۋىتىڭ. باشقا جايلارغا چىقىلماڭ. ئاندىن مۇشۇ كۆزنەكتىكى، كېڭەيتىلمە پىراگراممىلار تەڭشىكى (扩展程序设置) دىگەن بەتكۈچنى چېكىمىز.
image002.jpg
3) بۇ چاغدا كۆزنەكتە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كېڭەيتىلمە پىراگراممىلار تەڭشىكى (扩展程序设置) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. سىزنىڭ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغان جايلىرىڭىز بولسا رەسىمدە بوياپ قويۇلغان جايلار بولۇپ، بۇنىڭدا ئۈستىدىكى بويالغان ئورۇن بولسا AAC كودلىغۇچنى تەڭشەش رامكىسى بولۇپ، meGUI نىڭ بۇ نۇسقىسىنىڭ tools مۇندەرىجىسى ئاستىدا  neroAacEnc.exe دىگەن كودلىغۇچ بار. ئەگەر سىزنىڭ دېتالىڭىزدا بۇ پىراگرامما تاللانمىغان بولسا meGUI نى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يېشىپ قارىسىڭىز  tools دەپ بىر مۇندەرىجە بارلىقىنى كۆرىسىز. ئەشۇ مۇندەرىجە (ھۆججەت قىسقۇچ) ئىچىدىن يۇقارقى ھۆججەتنى تېپىپ، تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا پىرىسلانغان ھۆججەتنى قايسى جايغا ساقلاشنى بەلگىلەيدۇ. بېكىتمىسىڭىز ئەسلى ھۆججەت بار جايىغا ساقلايدۇ. يۇقارقىلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاپ ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىمىز.
image003.jpg
2. پىرىسلاش جەريانى
1) ئالدى بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى قوراللار (内置工具) دىگەن تىزىملىكتىن AVS كودى ھاسىللىغۇچ (AVS脚本创建器) دىگەن تۈرنى چىكىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
image004.jpg
2) بۇ چاغدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك AVS كودى ھاسىللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. رەسىمدىكى قىزىل بويالغان جايلار بىز ئاساسلىق تەڭشەيدىغان جايلار بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدىكىسى بولسا فىلىم كىرگۈزۈش رامكىسى بولۇپ، بۇ رامكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى  كىچىك كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ئۆزىمىز پىرىسلىماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ كىرگۈزىمىز. بۇ چاغدا دەرھال يېڭىدىن بىر فىلىم قويۇش كۆزنىكى ئېچىلىپ، فىلىم قويۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى رامكا بولسا فىلىمدە قارا ئاستى-ئۈستى تەگلىك بولۇپ قالسا شۇنى كېسىۋېتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بىرلىكى پىكسىل بولۇپ، ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپ، مۇۋاپىق بولغان ساننى كىرگۈزۈپ، كېسىۋېتىدىغان جاينى كېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.ئەڭ ئاستىدىكى رامكا بولسا فىلىمنىڭ رازمېرىنى تەڭشەيدىغان رامكا بولۇپ، 1080 ياكى 720 ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى 480 غا ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز مۇشۇ جاينى تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن يۇقۇرى ئېنىقلىقنى تۆۋەن ئىنىقلىققا ئايلاندۇرسا كېرەك يوق، بىراق تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى يۇقۇرى ئېنىقلىققا ئايلاندۇرسىڭىز، فىلىم ئىنتايىن چاپاق بولۇپ كېتىدۇ.
image005.jpg
فىلىمنى سۆرەپ كىرگەندە (كۆپ ھاللاردا دېتالنى تۈنجى ئىشلەتكەندە بىر فىلىمنى يېڭىدىن دېتالغا سۆرەپ كىرگەندە ) فىلىمنى قايسى ئۇسۇلدا ئىچىشنى سورايدۇ. بىز پەقەت DirectShowSource نى تاللاپ قويساق بولىدۇ. چۈنكى پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل بارلىق فىلىم فورماتىغا ماس كىلىدۇ.(خەنزۇچە دەرسلىكتە شۇنداق دەپ ئېلىنىپتۇ، مەنمۇ باشقىلىرىنى ماس كېلەمدۇ كەلمەمدۇ دەپ سىناپ باقمىدىم)
image006.jpg
3 ) يۇقارقىلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن بۇ كۆزنەكتىكى سۈزگۈچ (滤镜) دىگەن بەتكۈچنى چىكىمىز. بۇنىڭدا باشقا جايغا چىقىلماستىن، پەقەتلا ئەڭ ئاستىدىكى فىلىم خەت ھۆججىتىنى تاللاش دىگەن رامكا ئارقىلىق ئالدىن تەييارلىۋالغان فىلىم خەت ھۆججىتىنى سۆرەپ كىرىمىز. ئەگەر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىش نىيىتىڭىز بولمىسا ، بۇ جاينى تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن ساقلاش (保存) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاپ قويىمىز. دىققەت قىلىڭ بۇ چاغدا ئالدىن كۆرۈش كۆزنىكىدە كۆرۈنگەن فىلىمدە سىز تاللىغان خەت ھۆججىتى كۆرۈلىدۇ.
image007.jpg
4 ) ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 2 جاينى تەڭشەيمىز.
رەسىمدىكى دىكى قىزىل بويالغان 2- رامكا بولسا فىلىم ھۆججىتىنى قايسى خىل فورماتتا چىقىرىشنى بەلگىلەش رامكىسى بولۇپ، تاللاشقا بولىدىغان تۇرلەردىن  RAW、MKV、MP4 دىگەندەك تۈرلەر بار. شۇنىڭدىن بىرنى تاللاپ قويساق بولىدۇ. فىلىممۇ شۇ خىل فورماتتا چىقىدۇ. ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغىنى  MKV、MP4 فورماتىدۇر.
1-رامكا بولسا (编码器设置) كودلىغۇچ تەڭشىكى دىگەن رامكا بولۇپ، بۇ ئارقىلىق فىلىمنى x264 فورماتىدا پىرىسلامسىز ياكى Xvid فورماتىدا پىرىسلامسىز شۇنى بېكىتىسىز. بىز بۇ يەردە x264 فورماتىنى تاللايمىز. ئەگەر قىزىقسىڭىز ئۆزىڭىز باشقا فورماتلارنى تاللاپ، سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
image008.jpg
تۆۋەندىكى رەسىم بولسا x264 كودلاش ئۇسۇلى بويىچە پىرىسلاشنى تەڭشەش جەريانى بولۇپ، يەنى يۇقارقى رەسىمدىكى قىزىل بويالغان 1-رامكا (编码器设置) كودلىغۇچ تەڭشىكى دىگەن رامكىنىڭ ئوڭ تەرەپ چەتتىكى تەڭشەك (配置) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك x264 كودلاش ئۇسۇلى بويىچە پىرىسلاشنى تەڭشەش رامكىسى ئىچىلىدۇ.
image009.jpg
ئالدى بىلەن ئەڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇندىكى ئالى تەڭشەكلەرنى كۆرسىتىش (显示高级设置) دىگەن تۈر ئالدىغا بەلگە سالىمىز. بولمىسا بەزى تۈرلەرنى تەڭشىگىلى بولمايدۇ. ئاندىن كودلاش ئۇسۇلى (编码模式) دىگەن جايدىن Automqated 2pass دىگەن تۈرنى تاللايمىز. بۇنى تاللىغاننىڭ مەنىسى بولسا ئىككى قېتىم كودلاش ئۇسۇلى (二次编码模式) دىگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا فىلىمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا فىلىم سىغىمىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. كودلاش قېتىم سانى  سىكانېرلاش قېتىم سانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، سىكانېرلاش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، فىلىمنىڭ ئىنىقلىقىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىكى 【Bitrate 】 سانىنى بولسا ئادەتتە فىلىمنىڭ ئېنىقلىقىغا ئاساسەن تەڭشەشكە بولىدۇ. ئەگەر فىلىم كارتون بولسا تۆۋەنرەك تەڭشەشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سەل يۇقۇرى قىممەت بويىچە تەڭشەش كېرەك.
فىلىم ئېنىقلىقى :              تەڭشەك سانى
320x240                 200
720x480                 500——600
848x480                  500——600
1280x720                 1000——3000
1920x1080                5000——8000
ئوڭ تەرەپتىكى AVC دەرىجىسى ( AVC档次 ) دىگەن قىزىل بويالغان رامكىغا بولسا ئادەتتە ئالى دەرىجە(高档次) دىگەن تۈرنى تاللايمىز.
ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان AVC سورتى دىگەن رامكىغا بولسا (AVC级别) يۇقۇرى قىممەتنى تاللىغان ياخشى بولۇپ، ئۇنىمۇ فىلىم ئېنىقلىقىغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ.
ئېنىقلىقى            دەرىجىسى
720x480           3.0——3.2
848x480           3.0——3.2
1280x720          3.2——4.2
1920x1080         4.2——5.0
قالغانلىرىغا ئاساسەن چىقىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن x264 كودلاش ئۇسۇلى بويىچە پىرىسلاشنى تەڭشەپ بولغان بولىمىز. ئەگەر سىز x264 ئۇسۇلى بويىچە كودلاش توغرىلىق تېخىمۇ مۈكەممەل چۈشەنچىگە ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز توردا بۇ توغرىدا خەنزۇچە ماتېرياللار خېلى بار. ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ھەممىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن جەزىم (确定) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىمىز.
تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇنىڭدىكى 1- قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا فىلىمنىڭ ئاۋازىنى كىرگۈزۈش رامكىسى بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق فىلىم ئاۋازىنى سۆرەپ ئەكىرگىلى بولىدۇ. ئەگەر باشقا ئاۋاز بولمىسا فىلىم ئۆزىنى تاللاپ قويساق، ئەسلى فىلىم ئاۋازى تاللانغان بولىدۇ. ئەگەر تاللىمىسىڭىز فىلىم ئاۋازسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاستىدىكى قىزىل بويالغان رامكا بولسا ئاۋاز كودلىغۇچنى تەڭشەش (编码器设置) رامكىسى بولۇپ، بىز بۇ يەردە”scratchpad”  Nero AAC  نى تاللايمىز . ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان رامكا بولسا ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلمە نامى بولۇپ، ئىختىيارى تاللىسڭىز بولىۋىرىدۇ.
ئاۋاز كودلىغۇچ رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تەڭشەك (配置) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ئاۋازغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
image010.jpg
تۆۋەندىكى رەسىم بولسا ئاۋاز كودلىغۇچ  كۆزنىكى بولۇپ. بۇ كۆزنەكتىكى :
1- رامكا بولسا كودلاش ئۇسۇلى بولۇپ، رەسىمدىكىدەك تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2-رامكا بولسا ئاۋاز قانىلى بولۇپ، ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تاللىسىڭىز بولىدۇ. فىلىم ئەسلى ھالىتىدىكىدەك بولسۇن دىسىڭىز رەسىمدىكىدەك تاللاڭ.
3-رامكا بولسا ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى (采样率) بولۇپ، ئەسلى ھالەتنى ياكى 44100 بىلەن 48000 دىن بىرنى تاللىسىڭىز ئاۋاز سۈپەتلىكرەك چىقىدۇ. قالغانلىرىغا چىقىلماي ئەسلى ھالەتنى ساقلاپ قالسىڭىز بولىدۇ.جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىمىز.
image011.jpg
ئاساسى كۆزنەككە قايتقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىزىل بويالغان ئاپتوماتىك كودلاش (自动编码) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىمىز. بۇ چاغدا MeGUI ئاپتوماتىك كودلاش (MeGUI自动编码) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
image012.jpg
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئاپتوماتىك كودلاش كۆزنىكىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ ئۈستىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا فىلىم فورماتىنى بەلگىلەش كۆزنىكى بولۇپ، رەسىمدىكى تۈردىن بىرنى تاللىساق بولىدۇ.         MKVبىلەن MP4دىن بىرنى تاللىغان ياخشى.
ئوتتۇرىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا فىلىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى بېكىتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى چوڭ – كىچىكلىكىنى بېكىتمەسلىك (不限定大小) دىگەن تۈرنى تاللىساق بولىدۇ.
ئاخىرقى قىزىل بويالغان كۇنۇپكا بولسا، رەتكە قوشۇش (加入队列) كۇنۇپكىسى بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىنى باسساق ئاساسى كۆزنەكتىكى رەت (队列) دىگەن بەتكۈچكە قايتىدۇ.
image013.jpg
تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ. بۇ رەسىم بولسا ئاساسى كۆزنەكتىكى رەت (队列) دىگەن بەتكۈچ بولۇپ،قارايدىغان بولساق، تۆت تۈرلۈك ۋەزىپە بار بولۇپ، بۇلار ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئاۋاز، سىننى 1-قېتىم كودلاش، سىننى 2-قېتىم كودلاش ۋە بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، ئەگەر باشقا مەسىلە بولمىسا  باشلاش(开始) كۇنۇپكسىنى بېسىپ، فىلىم پىرىسلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ. ئادەتتە پىرىسلاش سۈرئىتى سىزنىڭ كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ سۈرئىتى بىلەنمۇ زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،  مېنىڭ I5  مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق كومپىيۇتۇرۇم بىر يېرىم سائەتلىك ئەسلى سىغىمى 4 گىگابايت چوڭلۇقتىكى بىر فىلىمنى پىرىسلاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتى  1-2 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، پىرىسلانغان فىلىمنىڭ چوڭلۇقى ئەسلى سۈزۈكلۈكى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا 2 گىگابايت ئەتراپىغا چۈشتى.
مەزكۇر دەرسلىك ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش :
مېھمان بۇ جايدىكى يوشۇرۇن مەزمۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن جۇغلانمىڭىز  50 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، ھازىرقى جۇغلانمىڭىز 0

image011.jpg (85.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 18)

image011.jpg

image014.jpg (138.96 KB, چۈشۈرۈش سانى: 21)

image014.jpg

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تەجرىبە تەڭگە يىغىش سەۋەبى
kaisar809 ‎+5 ‎+5 ‎+5 ئېسىل!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ‎شۆھرەت + 5  ‎تەجرىبە + 5  ‎تەڭگە + 5   باھا خاتىرىسى

abral VIP  توردا يوق

تەرجىمە فىلىم ئەزاسى

جاپاكەش تەرجىمان

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
1534
شۆھرەت
505
تەڭگە
638

تۆھپىكار ئەزا تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

1-قەۋەت
‎2016-1-2 13:34:13 يوللىغان ۋاقتى
ئېلكىتابنى قىستۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank:6

[؟]

تەجرىبە
2231
شۆھرەت
354
تەڭگە
95
2-قەۋەت
‎2016-1-4 14:40:45 يوللىغان ۋاقتى
ئېلكىتاپ قىستۇرۇلدى. لازىم قىلىدىغانلار چۈشۈرىۋىلىڭلار.
abral VIP  توردا يوق

تەرجىمە فىلىم ئەزاسى

جاپاكەش تەرجىمان

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
1534
شۆھرەت
505
تەڭگە
638

تۆھپىكار ئەزا تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

3-قەۋەت
‎2016-1-4 21:53:07 يوللىغان ۋاقتى
بەك ئېسىل تېما بوپتۇ جۇما ئابرال ئەپەندىم، مېنىڭمۇ بەك ھەپىلىشىپ باققىم بار ئىدى...

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
2768
شۆھرەت
702
تەڭگە
269

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

5-قەۋەت
‎2016-3-26 00:41:31 يوللىغان ۋاقتى
قەتئىي ئۇرنىتالمىدىم كۇمپيۇتىرغا ۋىن ئۇنتى

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
938
شۆھرەت
173
تەڭگە
1
6-قەۋەت
‎2016-4-6 18:12:13 يوللىغان ۋاقتى
خەتلەرنى قانداق قىلىپ ئاستىدىكى قارا ئېكران قىسمىغا پىرىسلاپ چىقارغىلى بولىدۇ. مەن شۇنچە تەڭشىسەم سۆرەت رايونىدىلا كۆرۈنىدۇ، ئاستىدىكى ياكى ئۈستىدىكى قارا ئېكران قىسمىغا سۈرەلمىدىم.

تەرجىمە فىلىم ئەزاسى

بۇغرا

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
1721
شۆھرەت
261
تەڭگە
129
7-قەۋەت
‎2016-4-6 22:17:45 يوللىغان ۋاقتى
مېنىڭچە ئەگەر ئاشۇ سىن ھۆججىتى ، مەسىلەن 720*480 ھالەتتە دەيلى. سىز بۇ ھۆججەتنى ئەسلى ھالىتى (يەنى ئىكرانغا لىق تولغان ھالدا ئەمەس) شەكلىدە ئاچسىڭىز ئاستى- ئۈستىدە قارا ئىكران كۆرۈنمىسە، كودنى ھەر قانچە تەڭشىسىڭىزمۇ خەت ئۇ قارا ئىكراندا كۆرۈنمەسلىكى مۈمكىن.  ئەمما سىز avs كودىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئازراق ئاستى-ئۈستى قارا ئىكران قوشۇپ قويسىڭىز، ئۇ چاغدا مەيلى ئىكراننى چوڭ قىلىڭ، ياكى كىچىك قىلىڭ، سىز بەلگىلىگەن ئاشۇ قارا ئىكراندا كۆرۈنۈشى مۈمكىن.
abral VIP  توردا يوق

تەرجىمە فىلىم ئەزاسى

جاپاكەش تەرجىمان

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
1534
شۆھرەت
505
تەڭگە
638

تۆھپىكار ئەزا تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

8-قەۋەت
‎2016-4-7 09:56:51 يوللىغان ۋاقتى
abral يوللىغان ۋاقتى  2016-4-6 22:17
مېنىڭچە ئەگەر ئاشۇ سىن ھۆججىتى ، مەسىلەن 720*480 ھالەتتە د ...

avs كودىغا قايسى دېتالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىمىز؟ يەنىلا شۇ MeGUIدىمۇ ياكى خاتىرىدە ئېچىپمۇ؟ قايسى قىسمىنى ئۆزگەرتىمىز؟

تەرجىمە فىلىم ئەزاسى

بۇغرا

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
1721
شۆھرەت
261
تەڭگە
129
9-قەۋەت
‎2016-5-8 01:17:18 يوللىغان ۋاقتى
رەھمەت ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك يىزىپسىز.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
98
شۆھرەت
15
تەڭگە
0
10-قەۋەت
‎2016-6-13 12:41:15 يوللىغان ۋاقتى
ۋاي رەھمەت  كۆڭنەمدىكىدەك بىرتىما چىقىرىپسىز

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
305
شۆھرەت
91
تەڭگە
0

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.106962 second(s), 18 queries . GMT+8, 2017-6-23 16:07  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش