بىر قىسىم تورداشلار قۇتيار تورى ۋە قۇتيار مۇنبىرىگە بىرلا ئىسىمدا كىرگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ تېما يوللاندى .
قۇتيار تور بېكىتىنىڭ بېكەت سىستېمىسى ECMS . ئەمما مۇنبەر بولسا SP3 PHPWind 7.5 . گەرچە ئىككىسى تور بېكەت سىستېمىسنىڭ ئەزا ئامبىرىنى ۋە باشقا يەرلىرىنى ئۆز ئارا ئۇلاپ ئىشلەتكىلى بولغان بولسىمۇ ئەمما بىز ئۇنداق قىلمىدۇق ۋە ئۇنداق قىلىشنى لايىق كۆرمىدۇق. چۈنكى قۇتيار تورىدا كىنو كۆرۈۋېلىش ئۈچۈنلا بىر تورداشنىڭ تىزىملىتىۋالغان 2-3 گىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئىسىمى بولۇشى مۇمكىن. بۇلار قالايمىقان ۋە باشقىلارنىڭ نامىدا خەتلىتىپ كىرىپ ئىسىم قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ۋە چىقارغانلار بار. شۇڭا بىز سانداننى ئۇلاپ قويساق ئاشۇ قالايمىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىمىنى قايتىدىن خەتلەتكىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككى بېكەت سىستېمىسىنىڭ ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرمىدۇق. شۇڭا ئىككى بېكەت سىستېمىسىغا كىرگەندە ئىمكان بار بىر ئىسىمدا خەتلىتىپ ئايرىم ئايرىم كىرىپ ئىشلەتسەڭلار. بۇرۇن قۇتيار تورىغا كىرىپ خەتلەتكەن ئەزالار مۇنبەرگىمۇ شۇ ئىسىمدا كىرىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپ قالغان بولساڭلار بۇ ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا مۇنبەرگە قايتىدىن ئۆلچەملىك ULY دا خەتلىتىپ كىرىشىڭلارنى سورايمىز.
ئىككىنچە مەسىلە : مۇنبەرگە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا تىزىملىتىپ كىرىش چەكلىنىدۇ .
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تورى 2010-يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى |