قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

پراۋا ئېلىشىڭىزدىكى قابىل ياردەمچى - قۇتيار (Qutyar) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش4621
  • ئىنكاس11
0-قەۋەت
‎2015-3-10 22:00:16 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە شوپۇرلۇق پراۋىسى ئېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ھەم ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ھەر بىر ئائىلە بىردىن ماشىنا بولۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغاچقا شۇ ماشىنىنى ھەيدەش ئۈچۈن پراۋا بولمىسا خاتىرجەم يولغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس.
شۇ ۋەجىدىن شوپۇرلۇق پراۋىسىنى ئېلىش كۈندىن كۈنىگە تەسلىشىپ، ئەڭ تېز بولغاندا 4-5ئاي بولمىسا بىرەر ئىككى يىلدا ئاران پراۋا ئېلىپ ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى دەل مۇشۇ قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ قاتناش قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى نەزەرىيە ئىمتىھان سوئال-جاۋابلىرى» نىڭ خەنزۇچە ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى شىنجاڭدىكى غوللۇق شوپۇرلۇق مەكتەپلەرنىڭ نەزەرىيەگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى (تورسىز ئىشلەيدۇ)، يانفون نۇسخىسى (Android يانفونلىرىدىلا ئىشلەيدۇ) ۋە تور بېكەت نۇسخىسى (تورلا بولسا ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە بىمالال زامان ۋە ماكان چەكلىمىسگە ئۇچرىماي ئىشلەتكىلى بولىدۇ) نى بازارغا سالغان بولۇپ، سىستېمىمىزنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىدا خېلى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. خۇش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئازلىتىپ نەق گەپكە ئۆتسەك بۈگۈن سىلەرگە قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى تۈزۈپ چىققان، قۇتيار شوپۇلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ 2015-يىللىق كومپيۇتېر نۇسخىسى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

بىز 2013-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرىغا تۇتۇش قىلغان بولۇپ تۇنجى قېتىمدا يانفون نۇسخىسىنى (Android) نى بازارغا سالدۇق، كەينىدىن كومپيۇتېر نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقتۇق. ئەڭ ئارقىسىدا تور بېكەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە مەدىتىگە ئېرىشتۇق. مانا بىر قانچە يىلدىن بېرى بىز ھەر قايسى نۇسخىلارنى ئۆزلىكسىز دەۋرىيلىك ھالدا يېڭىلاپ (سوئال مەزمۇنى ۋە سىستېما ئىقتىدارلىرى جەھەتتە) نۇقسانلىرىمىزنى تۈزىتىپ، قوشۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنى قوشۇپ كەلدۇق.
نۆۋەتتە ھەرقايسى نۇسخىلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

كومپيۇتېر نۇسخىسى - Windows

1-پەن نەزەرىيە ۋە 4-پەن بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش بىلىملىرى بىر پلاستىنكا ۋە بىرلا دېتال قىلىپ ئىشلەندى. بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇنى ئىككىگە ئايرىۋېتىشنى لايىق كۆرۈپ ھازىر جىددىي تەڭشەۋاتىمىز. پات ئارىدا 1-پەن بىلەن 4-پەن ئايرىم پلاستىنكا ۋە ئايرىم دېتال قىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ.

كۆرۈنمە يۈزلىرى:
پلاستىنكىنى سالغاندا قوزغالغان كۆرۈنمە يۈز
001.jpg
قاچىلاش باسقۇچلىرى
002.jpg
003.jpg
004.jpg
005.jpg
كۆرۈنمە يۈزلىرى:
006.jpg
007.jpg
008.jpg
009.jpg
010.jpg
011.jpg
012.jpg
013.jpg


يانفون نۇسخىسى-Android

1-پەن نەزەرىيە بىلەن 4-پەن نەزەرىيە ئايرىم ياسالغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئۆزى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ سىستېما شۇ يانفوننىڭ زاۋۇت نومۇرىنى ۋە شۇ يانفوندىكى سۆزلىشىش كارتىسىدىكى ئۈچ قۇرلۇق ئۇزۇن نومۇرنى ئاساس قىلىپ ماشىنا نومۇرىنى (ماشىنىڭىزنى نومۇرىنى ئەمەس بەلكى مۇشۇ سىستېمىنىڭ ماشىنا نومۇرىنى دېمەكچى) ھاسىل قىلىدۇ. تېلېفون ياكى كارتا ئالمىشىپ كەتسە سىستېما ئىشلىمەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە يولۇچى ترانسىپورت ئىمتىھانى ۋە يۈك ترانسىپورت ئىمتىھانىنىڭمۇ يانفون نۇسخىسى بار.

ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرى:
QQ图片20150310235320.jpg
QQ图片20150310235326.jpg
QQ图片20150310235331.jpg
QQ图片20150310235335.jpg
QQ图片20150310235339.jpg
QQ图片20150310235342.jpg


تور بېكەت نۇسخىسى - Web

تور بېكەت نۇسخىسىدىمۇ 1-پەن نەزەرىيە بىلەن 4-پەن نەزەرىيە بىللە بولۇپ، ئىشلەتكۈچى تور بولغان ئەھۋال ئاستىدا ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي شوپۇرلۇق سوئاللىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ.

كۆرۈنمە يۈزلىرى:
001.jpg
002.jpg
003.jpg
004.jpg
005.jpg
006.jpg
007.jpg
008.jpg
009.jpg

خوش، يۇقىردا بىز شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىمز بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. بىز بۇ بىر نەچچە يىلدا بۇ سىستېمىلارنى شىنجاڭ ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە تارقىتىپ ھەم تەشۋىق قىلىپ خېلى كۆپ شوپۇرلۇق مەكتەپلەرگە ئورناتتۇق ۋە ھەمكارلاشتۇق.

ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان شىركەتلەرگە، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىگە ۋە شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھەم يەنە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ سىستېمىمىزنى كەڭ تورداشلارغا تونۇشتۇرۇۋېلىشىمىز بلوگىدىن بىر كىشلىك ئورۇن بەرگىنىگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشمىز ۋە ئەڭ ياخشىسى بولالايمىز.

قۇتيار شوپۇرلۇق تورى



ئاقسۇ قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 10-مارت


بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
1-قەۋەت
‎2015-3-11 08:42:37 يوللىغان ۋاقتى
كومپىيوتىر نۇسخىسىنى سېتتىۋالساق  تور بەت نۇسخىسىنىمۇ  ئىشلىتەلەمدۇق  ياكى،  ئايرىم سېتىۋالامدۇق؟   
يەنە  بىر  گەپ  كومپىيۇتىر نۇسخىسىنى  سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەك،كومپىيۇتىرنىڭ   قاتتىق دېتاللىرىنى ئالماشتۇرمىغان  ئەھۋالدا   ،سېستىمىنى قايتا قاچىلىساق ،سېتىۋالغان شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى  يەنە  ئىشلىتەلەمدۇق  ؟

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
340
شۆھرەت
91
تەڭگە
0
2-قەۋەت
‎2015-3-11 16:40:21 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،يۈسۈپجان،سىزدىن سوراپ باقسام،مەن ھازىر 4-تۈر نەزىرىيە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم،3-ئايدىكى 4-تۈر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بىر قىتىم ئۆتەلمىدىم،88نومۇر ئەپ قىلىپ.ئۆتەلمەسلىكتىكى ئاساسى سەۋەب بولسا ئىمتىھان جەريانىدا رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بىرىدىغان 5سۇئالنىڭ رەسىمى چىقمىدى.كومسىسىيە بىلەن شۇ ئىش توغرىلىق خىلى دىيىشىپ قالدىم ئامال بولمىدى،ئەمدى 4-ئايدا قايتا ئىمتىھان بىرىمەن.قۇتيارنىڭ 4-تۈر ئىمتىھان يانفون نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەن،مۇشۇ قەشقەردىكى ئالىدىغان ئىمتىھاننىڭ سۇئالىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن ئوخشاش چىقامدۇ.مىنىڭ ئىشلەتكەن 4-تۈركومپىيوتىر نۇسخىسى قىرىنداشلار يومشاق دېتالىنىڭ سىسىتىمىسى ئىدى،1-تۈردە ئىشلەتكىنىم راۋان يول سىسىتىمىسى،سورىشىمدىكى سەۋەپ،مەن ئۈگەنگەن سىسىتىما بىلەن مەكتەپتە سىناق ئىمتىھانى بەرگەن سىسىتىما ھەم 4-تۈر رەسمى ئىمتىھان سىسىتىمىسىدا تەرجىمە ئىشلىرىدا خىلىلا پەرق باركەن،قەشقەردىكى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا ماس كىلەمۇ؟مىنىڭ ھازىر مەشىق قىلىۋاتقان سىسىتىمىدا يىڭى قوشۇلغان سۇئال بولۇپ جەمئى 998سۇئال باركەن.خىزمەت ئورنۇمدا كومپىيوتىر بىلەن ئۈگىنىشكە پەقەتلا پۇرسەت يوق،نەچچە قىتىم يانفۈن نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەن،قانداق قاچىلاشنى بىلەلمەي قاچىلىيالمىدىم.قەشقەرشەھەر ئىچىدە ۋاكالەتچىلەر بارمۇ؟سىتىۋالساق شۇلار ياردەم قىلىپ قاچىلاپ بىرەلەرمۇ؟كۆپ سۇئال سورىۋەتتىم،مومكىن بولسا بىر جاۋاپ قايتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
160
شۆھرەت
38
تەڭگە
0
3-قەۋەت
‎2015-3-12 10:00:49 يوللىغان ۋاقتى
NOKIYA يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 08:42
كومپىيوتىر نۇسخىسىنى سېتتىۋالساق  تور بەت نۇسخىسىنىمۇ ...

ئىككىسى ئايرىم ئايرىم.
قاتتىق دېتال ئالماشمىغان ئە ھۋالدا بىرەر مىڭ قېتىم قاچىلىسىڭىزمۇ xp ياكى 7 بولسا نومۇر ئۆزگەرمەي ئىشلەۋېرىدۇ. ئەمما 8 دە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
5-قەۋەت
‎2015-3-12 10:01:17 يوللىغان ۋاقتى
dilkax011 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 16:40
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،يۈسۈپجان،سىزدىن سوراپ باقسام،مەن  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھان سوئالى بىردەك. شۇڭا خاتىرجەم سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
6-قەۋەت
‎2015-3-13 23:29:26 يوللىغان ۋاقتى
قايسى كۈنى مەخسۇس خىزمەتدىشىمنى باشلاپ بېرىپ سېتىۋالدىم ....
qaynam VIP  توردا يوق

ئىشەنچىلىك ئەزا

يەڭگىن ، يىڭىلمە

Rank:6

[؟]

تەجرىبە
3173
شۆھرەت
661
تەڭگە
10

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا يانفون ئۇستىسى

7-قەۋەت
‎2015-3-14 12:31:28 يوللىغان ۋاقتى
qaynam يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 23:29
قايسى كۈنى مەخسۇس خىزمەتدىشىمنى باشلاپ بېرىپ سېتىۋالد ...

ھە قايسى كۈنى بىر شوپۇرلۇق سىستېما ئېلىپ ئاندىن بىلقۇتنىڭ office دەرسلىكنى ئالغان سىز شۇما؟ بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن. ھېچ ئېسىمگە ئالامىغان. تونۇشلۇق بېرىپ كەتمەي

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
8-قەۋەت
‎2015-3-14 22:04:05 يوللىغان ۋاقتى
Kulke يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 12:31
ھە قايسى كۈنى بىر شوپۇرلۇق سىستېما ئېلىپ ئاندىن بىلقۇ ...

دەل ئۆزى .....
خىرىدار باركەن شۇ ....
qaynam VIP  توردا يوق

ئىشەنچىلىك ئەزا

يەڭگىن ، يىڭىلمە

Rank:6

[؟]

تەجرىبە
3173
شۆھرەت
661
تەڭگە
10

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا يانفون ئۇستىسى

9-قەۋەت
‎2015-3-14 23:25:18 يوللىغان ۋاقتى
qaynam يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 22:04
دەل ئۆزى .....
خىرىدار باركەن شۇ ....

ھە ئۆتۈپ قالسىڭىز يەنە ھايت دەپ كىرىپ ماڭارسىز.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
10-قەۋەت
‎2015-3-23 18:12:19 يوللىغان ۋاقتى
مەنمۇ بىرنى سېتۋالغان. 94 نومۇر بىلەن ئۆتتۈم..
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى ئالماشتۇراي دېگەن.. ئەمماااااااااااااااااااااااااااااااا

تۇدۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
96
شۆھرەت
95
تەڭگە
0

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.128584 second(s), 17 queries . GMT+8, 2017-6-23 15:03  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش