قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[يېڭى دېتال] شەرەر كىنو تەرجىمانى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش8077
  • ئىنكاس11
0-قەۋەت
‎2014-6-13 13:29:38 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr.Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 16:31  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
ئالدىنقى كۈنى xinjiangtour قېرىندىشىمىز «شەرەر كىنو تەرجىمانى» دېگەن تېمىدا دېتال ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپتىكەن. ھازىر ئۇ دېتالنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزۈتۈپ، ئىقتىدارلىرىنى بىر قاتار مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقتۇق ھەمدە سىلەرنى كۆرۈپ كەم قالغان ئىقتىدار ۋە كەمچىلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرەرمىكىن دېگەن ئۈمۈدتە بۇ يازمىنى يوللىدۇق.
دېتال ئىسىمى: تىلماچ
دېتال سىغىمى:1.967مىگابايت
دېتال تىلى: ئۇيغۇرچە
ئىجرا مۇھىتى:Net2.0 قاچىلانغان كومپيۇتېرلار
تارقاتقۇچى ئورۇن: شەرەر پروگرامما گورۇپپىسى
ئالاھىدىلىكى: كىنو-فىلىم تىل ھۆججىتىنى تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىش.
كەمچىلىكى: ئامباردا ئۇچۇر كەمچىل
چۈشۈرۈش ئادرېسى: چۈشۈرۈڭ

ئەمدى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

image001.jpg


1.تەرجىمە(تەرجىمە قىلىش، سۆزلۈك ئىزدەش)
تەرجىمە قىلىش. تەرجىمە قىلىش كۆزنىكىگە كىرگەندىن كېيىن، «ئېچىش» كونۇپكىسىنى بېسىپ تىل ھۆججىتىنى(كېڭەيتىلگەن نامى Srt بولغان ھۆججەت) تاللاپ ئەكىرىسىز(تىل ھۆججىتىنى بىۋاستە سۆرەپ تاشلاش ئارقىلىق ئەكىرىشكىمۇ بولىدۇ). دېتال تىل ھۆججىتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، «تەرجىمە قىلىش» كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. دۇنيادا 100%لىك ئىش بولمىغىنىدەك دېتالمۇ تىل ھۆججىتىنى 100% تەرجىمە قىلىشى ناتايىن. شۇڭا كېيىنكى قەدەمدە تەرجىمە قىلىنمىغان يەرلەرنى قولدا تەرجىمە قىلىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنىدىغان قۇرنىڭ تەرجىمە تىلى دېگەن ئىستونىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپ تەرجىمىنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ. ئاخىرىدا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان تىل ھۆججىتىنى «ساقلاش» كونۇپكىسىنى بېسىپ، ساقلاش ئورۇننى تاللاپ ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
قوشۇمچە: تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تىل ھۆججىتىدە ئالاھىدە بەلگىلەر بار ھەمدە ئورنى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن قۇرلار بولسا كۆزنەك ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىستىرىلكا رەسىمى بار كونۇپكىنى باسسىڭىز، ئاستىدا بىر رامكا كۆرۈنىدۇ. بۇ رامكىغا ئادەتتە بىز تاللىغان قۇرنىڭ ئەسلى تىل ئىستونىدىكى خەتلەر چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، مۇشۇ يەرگە قاراپ تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئورنىنى بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تىل ھۆججىتىنى ساقلىغاندا تەرجىمە قىلىنمىغان قۇرۇق قۇرلار قالغان بولسا دېتال ئاپتوماتىك ئەسلى تىلنى تەرجىمە تىلنىڭ ئورنىدا ساقلايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئىزدەش، ئالماشتۇرۇش ۋە تەرجىمە رايونىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى قىلالايسىز.

image002.jpg


image003.jpg
image004.jpg
image005.jpg
image006.jpg
image007.jpg
image008.jpg



سۆزلۈك ئىزدەش. بۇ ئادەتتە تەرجىمە جەريانىدا يانداش پايدىلىنىغان كۆزنەك بولۇپ، بىرەر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى بىلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەش  ئارقىلىق شۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسىنى بىلەلەيسىز. قوشۇمچە يەنە ئامبارغا قارىتا ئايرىم سۆزلەرنى قوشۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتىنىمۇ قىلالايسىز.
قوشۇمچە: بۇ كۆزنەكتىمۇ ئوخشاشلا خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

image009.jpg


image010.jpg



2.ئامبار(ئامبار قوشۇش، ئامبار بىرلەشتۈرۈش، ئامبار زاپاسلاش)
ئامبار قوشۇش. تەرجىمىڭىزنىڭ سۈپىتى ۋە سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ بولغان كىنو-فىلىم سۆزلۈكلىرىنى ئامبارغا قوشۇپ تۇرىشىڭىز كېرەك. بۇ مەشخۇلاتنى تاماملاش ئۈچۈن، ئاۋۋال «ئېچىش» كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىككى خىل تىلدىكى تىل ھۆججەتنى(ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە دېگەندەك) تاللاپ ئەكىرىسىز. ئاندىن تىل ھۆججىتىدىكى تەرجىمە قىلىنمايدىغان ياكى تەرجىمە قىلىنمىغان ۋە ياكى ساقلاش ھاجەتسىز بولغان قۇرلارنى «تاللانغان قۇرلارنى ئۆچۈرۈش» كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ(بۇ مەشخۇلات ئاپتوماتىك تەرجىمىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق). ئەڭ ئاخىرىدا «ساقلاش» كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بىر ئۇچۇر رامكىسى چىقىدۇ. بۇنىڭغا ماس ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ساقلىۋەتسىڭىز ئىش تامام.
قوشۇمچە: بۇ كۆزنەكتىكى جەدۋەل قۇرلىرىنى كۆپ تاللاشقا ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئامبار بىرلەشتۈرۈش. بۇ كۆزنەك ئادەتتە زاپاسلىۋالغان، كۆچۈرىۋالغان ياكى باشقىلار تەمىنلەپ بەرگەن ئامبار ھۆججىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئامبىرىغا قوشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىسىز.
ئامبار زاپاسلاش. بۇ ئادەتتە كەلگۈسىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنىڭ(كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇش ياكى دىسكا فورماتلىنىپ كېتىش دېگەندەك) يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، قوشۇلغان ئىقتىدار. ئەگەر ئامبار ھۆججىتىنى مەلۇم ۋاقىتنى بىرلىك قىلىپ زاپاسلاپ تۇرسىڭىز، كېيىن بۇ دېتال ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەندە ياكى باشقا كومپيۇتېرغا بۇ دېتالنى قاچىلاپ ئىشلەتكىنىڭىزدە، دېتالنىڭ ئامبار بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بۇ زاپاسلانغان ھۆججەتنى ئامبارىڭىزغا قوشۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
.باشقۇرۇش(تەڭشەك)
3.تەڭشەك. بۇ كۆزنەكتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئادەتلىرىگە قاراپ تۇرۇپ، بىر قىسىم تەڭشەكلەرنى تەڭشىيەلەيسىز. مەسىلەن: دېتالنىڭ ئامبارنى ئاپتوماتىك زاپاسلاش ئىقتىدارىنى ئېچىش ۋە ئېتىش، بىر قاتار كونۇپكىلارنىڭ تېزلەتمە كونۇپكىسىنى تەڭشەش قاتارلىقلار.
4.ياردەم(ئىشلىتىش قوللانمىسى، تەكلىپ-پىكىر، تىلماچ ھەققىدە)
تەكلىپ-پىكىر. ئىشلىتىش داۋامىدا يولۇققان قانداق مەسىلىلەر ياكى تەكلىپلىرىڭىز بولسا بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز، سىز ئېيتقان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپلەرگە ئاساسەن دېتالنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقىشقا تېرىشىمىز.
بۇ كۆزنەكتىكى «ئىسىم» دېگەن ئورۇنغا تەخەللۇسىڭىز ياكى ئىسمىڭىزنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ. «ئېلخەت» دېگەن ئورۇنغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى تولدۇرىسىز(بىز سىز مەلۇم قىلغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرگە قارىتا سىزگە جاۋاب خەت يېزىشىمىز مۇمكىن).

ئاخىرىدا قېرىنداشلارنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تەجرىبە تەڭگە يىغىش سەۋەبى
kerindax ‎+5 ‎+5 ‎+5 ئېسىل!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ‎شۆھرەت + 5  ‎تەجرىبە + 5  ‎تەڭگە + 5   باھا خاتىرىسى

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
1-قەۋەت
‎2014-6-14 21:37:11 يوللىغان ۋاقتى
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 19:51
64 بايىتىلقwin8.1 غا قاچىلاندى بىراق قوزغالمىدى(بۇ مەسلىن ...

64 بىتنىڭ مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا تېرىشىمىز.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
2-قەۋەت
‎2014-6-14 21:40:09 يوللىغان ۋاقتى
BUGRA يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 21:13
مەزكۇر دېتالغا گوگل تەرجىمانىنى قوشقان بولسا تىخىمۇ ي ...

  بۇ ئىقتىدارنى بىزمۇ ئويلاشقا ئىدۇق. ئۇ ئىقتىدارنى پۈتتۈرۈپ تارقىتايلى دېسەك ۋاقىت سەل سوزۇلۇپ كەتكىدەك. شۇڭا ئۇنى كېيىنكى نەشىردە ئىشقا ئاشۇرماقچى.
  بولسا بۇ دېتالدا ساقلانغان ۋە كەم قالغان مۇشۇنداق ئىقتىدارلار بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار كېينكى نەشىرىنىڭ مۇكەممەل پۈتىشىگە پايدىسى كۆپ بولاتتى.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
3-قەۋەت
‎2014-6-15 00:29:26 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 20:40
فلىم تەرجىمە ھۆجىتى ئادەتتە ئۇستى ئۇيغۇچە ئاستى خەنچە  ...

بۇ ئىقتىدار تەرجىمە كۆزنىكى ئۈچۈن ئىشلەيدىكەندە. ئامبار قوشۇش كۆزنىكىگە بۇ ئىقتىدارنى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولارمۇ؟
  ئاللا خالىسا بۇ ئىقتىدارنى كېيىنكى نەشىرىگە قاتىمىز.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
5-قەۋەت
‎2014-6-15 00:32:00 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 20:43
مۇمكىن بولسا يەنە تىكىسىت تەرجىمە قىلىش ئىقىتدارىمۇ ق ...

قانداق تېكىستنى دەيسىز؟ بىرلا تېكىست بولسا ئىزدەش كۆزنىكىدە ئايرىم ئامبار قوشۇش ئىقتىدارى بار شۇ يەردە تېكىست ئامبىرىنىمۇ قوشقىلى بولىدۇ. ھەم شۇ يەردە تەرجىمىسىنىمۇ ئىزدىگىلى بولىدۇ.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
6-قەۋەت
‎2014-6-15 09:28:04 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 06:07
2
00:00:03,503 --> 00:00:06,923
مايور شەپپېر!     مايور شەپپېر،بۇلار  ...

ھە، چۈشەندىم.
  بۇ خېلى قول تۇتىدۇ. ئۇيغۇرتىلى بىلەن باشقا تىلنى پەرىقلەندۈرىشىمىز كېرەك.
  بىز بۇ ئىقتىدارنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېرىشىمىز. ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزغا رەھمەت.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
7-قەۋەت
‎2014-6-15 09:33:57 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 06:22
مەن دىمەكچى نۇرغۇن خەۋەرلەر خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغا ...

  ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ھەر ئىككى تىلنى جۈملىگە پارچىلاش تەس ئەمەس. ئەمما ئىككىسىدىكى ماس جۈملىلەرنى تېپىش بۇنىڭدىكى قېيىن مەسىلە ئىكەن  
  بۇنى بۇ دېتالغا بىرلەشتۈرماي ئايرىم دېتال قىلسا بولغىدەك.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
8-قەۋەت
‎2014-6-15 17:40:49 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 15:19
50 قىتىملىقى ئىشلىتىش پۇرسىتىڭىز قالدى دەپ چىقىدىكەن .  ...

  ئىشلىتىش پۇرسىتى تۈگىسە، تىزىملاتقاندىلا ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
  بىز بۇ دېتالدا يېغىلغان ئامبار ھۆججىتىنى Google قاتارلىق نوپۇزلۇق تەرجىمە تور بېكەتلىرىگە تەمىنلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇ تور بېكەتلەردىكى ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆپەيتىش. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە قوشۇش قەدىمىنى ئازراق بولسىمۇ تېزلىتەلىسەك ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ. بىزگە دېتال ئامبىرىنى تەمىنلەپ بېرىشكە قوشۇلغانلارغا ھەقسىز تىزىملاش نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدۇق.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
9-قەۋەت
‎2014-6-16 00:43:55 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
yaruqmen يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 21:31
مەن بۇيرۇق بەرسەم ئايندا چىقتىغۇ. يا ئىشلىتىشنى بىلەم ...

  ھازىر دېتال ئامبىرىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. شۇڭا تەرجىمە نىسبىتى 0% چىقتى. ئەگەر سىزدە ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان تىل ھۆججەتلىرى بولسا ئامبار قوشۇش ئارقىلىق قوشۇۋالسىڭىز، كېلەر قېتىم تەرجىمە قىلغاندا شۇ تەرجىمە قىلىپ بولغان سۆزلەر ئۇچرىسا ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىدۇ.
  دېتال ئاتالغۇلىرى Windows8دىكى ئاتالغۇلار بىلەن بىردەك قىلىش ئۈچۈن شۇنداق ئالغان ئىدۇق.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5
10-قەۋەت
‎2014-6-16 13:06:05 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
alwun يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 05:55
ئەسلى تىل:X战警前传:金刚狼
تەرجىمە تىل :Xساقچىنىڭ ئالدىنقى رى ...

مەن سىناپ باقتىم نورمال قوشۇلدى. يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ. بولسا خاتالىق ئۇچۇرىنى رەسىمگە تۇتۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز كۆرۈپ باقاي.

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
199
شۆھرەت
21
تەڭگە
5

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.108613 second(s), 18 queries . GMT+8, 2017-6-23 16:30  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش