قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[ئېلان] قۇتيار يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سىنىپى دەرس باشلايدۇ، پۇرسەت غەنىمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش2491
  • ئىنكاس4
0-قەۋەت
‎2016-8-24 17:22:34 يوللىغان ۋاقتى
قۇتيار يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سىنىپى دەرس باشلايدۇ، پۇرسەت غەنىمەت...~!
C# تىلىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە كۆزنەكلىك پروگرامما (يەنى ئۈستەل يۈزى پىروگراممىسى)، ھەر خىل ھۆججەت مەشغۇلاتى، ساندان مەشغۇلاتى، پىرىنتېردا ھەر خىل شەكىلدە مەزمۇن بېسىپ چىقىرىش، #C تىلىنىڭ ئالىي ئىقتىدارلىرى، OOP(يەنى ئوبيېكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما لايھىلەش تېخنىكىسىنى ئىنچىكە چۈشىنىش)، كۆزنەكلىك پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ئالىي ئىقتىدارلار، TCP/IP تور ئالاقىسى SOCKET بىلىملىرى، ASP.NET (C#) بىلىملىرى ۋە تور پىروگراممىسى لايىھەلەش بىلىملىرى (HTML/CSS/JavaScript)، تېكىست بىر تەرەپ قىلىش ئالىي بىلىملىرى، Windows Server IIS مۇلازىمىتېرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر، FTP مۇلازىمىترى ۋە تور پىروگراممىسىنى مۇلازىمتېرغا ئارتىش ۋە بېكەت قۇرۇشقا دائىر بىلىملەر، تور نامى ۋە DNS تەڭشەشكە دائىر بىلىملەر، يول باشلىغۇچ(Router) تەڭشەش ۋە ئالماشتۇرغۇچلارنى(Switch) يەنى تور ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە دائىر بىلىملەر، Web Service ئارقىلىق ئېغىز تەمىنلەش ۋە ئۇنى كۆزنەكلىك پروگرامما ۋە تور پىروگراممىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش، مەزمۇن مەخپىيلەشتۈرۈش ۋە يېشىش، يۇمشاق دېتالغا تىزىملاپ ئىشلىتىش ۋە توردىن يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوشۇش، كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا پروگرامما لايىھەلەش سۇپىسى Microsoft Team Foundation Server نى قاچىلاپ تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش

aqsu geziti elan.jpg


يۇمشاق دېتال ئېچىشقا دائىر مول بىلىملەر سىزنىڭ بىلىم ئېلىشقا چاڭقىغان يۈرىكىڭىزگە  ھەقىقي داۋا بولىدۇ.
دەرسنى 8 يىللىق يۇمشاق دېتال ئېچىش ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئىگە مەھمۇدجان ئەمەر (ھەقتەيۈر)  مۇئەللىم باشتىن ئاياغ زور قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەيدۇ. لاياقەتلىك تاماملاپ چىقسىڭىز مۇستەقىل ياكى كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا ھەر خىل  تەلەپتىكى يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەپ چىقىشقا زۆرۈر بولغان بىلىملەرگە ئىگە بولىسىز.
ئوقۇش مۇددىتى 3 ئاي بولۇپ، ھەپتىدە 5 كۈن، كۈنىگە 3 سائەت دەرس ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ (2 سائەت مۇنتىزىم دەرس سۆزلىنىدۇ، 1 سائەت ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن ئەمەلىي مىسال ئىشلەپ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ). ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا دەرس سۆزلەش ۋاقتى بىلەن مىسال ئىشلەش ۋاقتى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى مۇمكىن، ئەمما كۈندىلىك ئومۇمىي دەرس ۋاقتى 3 سائەتتىن كەم بولمايدۇ.
يىراقتىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلارغا ئالدىن تىزىملاتقان 5 ئوقۇغۇچىغا ياتاق ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

قۇبۇل قىلىش ئوبيېكتى: پروگرامما لايىھەلەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان پىكىرى ئوچۇق تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ، كەم بولغاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئېگە بولۇشى كېرەك، قىزىقىشى ئالاھىدە يوقۇرى بولسا بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان سىنىقىمىزدىن ئۆتسە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بولسىمۇ قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.


تەپسىلى ئەھۋالنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ.
تېلېفون:
15509978533
18699708881
15352576866
ئورنى: ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر يولى لەڭگەر چوڭ خانىقانىڭ سول يېنىدا

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
1-قەۋەت
‎2016-8-25 07:47:25 يوللىغان ۋاقتى
بۇ خىزمىتىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
147
شۆھرەت
41
تەڭگە
0
2-قەۋەت
‎2016-8-29 14:05:31 يوللىغان ۋاقتى
مەن  قىززىقىدىغان تۈر كەن بۇ ئاساسى  مەكتەپنىڭ ئايلىق پۇلى قانچە  دۇ

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
305
شۆھرەت
91
تەڭگە
0
3-قەۋەت
‎2016-8-29 18:10:12 يوللىغان ۋاقتى
WWEMahsut يوللىغان ۋاقتى  2016-8-29 14:05
مەن  قىززىقىدىغان تۈر كەن بۇ ئاساسى  مەكتەپنىڭ ئايلىق پ ...

3 ئايلىق بىر باسقۇچ. 7500 كوي.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
5-قەۋەت
‎2016-8-30 02:07:59 يوللىغان ۋاقتى
Kulke يوللىغان ۋاقتى  2016-8-29 18:10
3 ئايلىق بىر باسقۇچ. 7500 كوي.

ھە  بىراق مەن خوتەندىن بۇ مەكتەپ ئاقسۇ دىكەن ھەي  مەن  بەكلا  قىززىقاتتىم  ھازىر  يانفون رىمىنوتچىلقىنى   ئۆگىنىۋاتقان  

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
305
شۆھرەت
91
تەڭگە
0

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.096979 second(s), 18 queries . GMT+8, 2017-6-23 14:23  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش