ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ۋە قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر
ئۈندىدارنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتىدۇ، ھازىر كۆپىنچە كىشىلەردە ئۈندىدار بار، شۇڭا بىز قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسىخىسىنى (يانفون نۇسخىسىنى ۋاكالەتچىلەرگە ئاپتوماتىك تىزىملاشنى ئېچىۋەتتۇق، پات ئارىدا باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ سالوندىلا پۇل تاپشۇرسا ئاپتوماتىك تىزىملايدىغان ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىمىز) قۇتيار شوپۇرلۇق سالونىدا ئاپتوماتىك تىزىملايدىغان ئىقتىدارنى ئېچىۋەتتۇق.
بۇنىڭ قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك:
ئالدى بىلەن قۇتيار شوپۇرلۇق ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشسىز (ئەگىشىپ بولغان بولسىڭىز قايتا ئەگەشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ) ئىزدەش نامى: shopurluq
ئىككىلىك كودى؛
خوش ئەمدى سالونغا قوشۇلغاندىن كېيىن سالوننىڭ ئۆزىگە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى يازىمىز. يەنى سىز سېتىۋالغان مۇلازىمەت كارتىسىدىكى مۇلازىمەت كارتا نومۇرىنى يېزىپ، ئاندىن كومپيۇتېردا چىققان كومپيۇتېر نومۇرىنى كىرگۈزىسىز، ئاندىن ئەڭ كەينىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇچۇر قوبۇللىيالايدىغان يانفون نومۇرىنى يازىسىز (مۇقىم تېلېفون نومۇرى بولسا بولمايدۇ، چوقۇم يانفون نومۇرىنى يېزىشىڭىز كېرەك). ئاندىن سالونغا يوللىۋەتسىڭىىزلا سېكۇنت ئىچىدە ئىجازەت نومۇرى ئاپتوماتىك ئۈندىداردا پەيدا بولىدۇ ھەمدە يانفونىڭىزغىمۇ قىسقا ئۇچۇر شەكىلدە كېلىدۇ.
سالونغا نومۇر يوللاش ھالىتى ۋە ئىجازەت نومۇرنى قايتۇرغان ھالەت.
ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفونىغا ھەرقايسى نومۇرلارنىڭ كەلگەن ھالىتى.
شۇنداق قىلىپ سىز قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىىسىنىڭ بىرلەشمە، 1-4-پەن نۇسخىلىرىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىقلا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بىز بىلەن ئالاقە قىلمايلا ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. سىستېما سىزگە ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرنى ۋە سالوندا قايتۇرغان ئىجازەت نومۇرىنى ئوبدان ساقلاڭ. پەقەت بىرلا قېتىم نومۇر يوللاپ ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز، تەكرار يوللاشقا بولمايدۇ.
ئاخىرىدا بىزنى قوللىغان بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋە تورداشلار كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى |