قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

ئامرىكىنىڭ ئىرانغا بەرگەن سوۋغىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش1338
  • ئىنكاس4
0-قەۋەت
‎2013-3-13 13:01:08 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 13:01  

ھەممىمىز ئىراننىڭ تىزگىنەك ئارقىلىق ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنى ساپ-ساق قوندۇرۋالغانلىقىدىن ئاخبارات ۋاستىلېرى ئارقىلىق خەۋەر تاپتۇق.بىرنىمۇ تۇتىۋىلىڭ!ئەمما ئۈچنى تۇتىۋالسا بۇنىڭدا ئۇيۇن بارمۇ قانداق؟...

ئاددى ياسالغاننى بۇ تەرەپتىن ئەۋەتىپ دىققىتىنى بۇراپ،يۇقىرى تېخنىكىلىقى يەنە بىر تەرەپتىن كىلىپ رەسمى ئاخباراتقا ئېرىشىش مومكىنلىكى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

ھازىرقى ئىلىكتىر تېخنىكا تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇ ئايرۇپىلاننىڭ كونتۇرول سىستېمىسىنى مەن لايىھەلىسەممۇ ئۇنچە بىپەرۋالىق قىلمايمەن.قايسى دۆلەت بولسۇن ئەمگەك مىۋەمنى ساپ-ساق چۈشۈرۋىلىشىغا يول قويمايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىلا بۇخىل ئايرۇپىلانلاردا يەر بىلەن مۇۋاپىق ئارلىق ساقلاش ئىقتىدارى بار تۇرسا؟!!!

ئۇنچە چوڭ ئىشتا ئايرۇپىلانغا كونتۇرول سىگنالىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىغى،سىگنال مەنبەسىنىڭ يۈنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرغاندىن باشقا يەنە مەلوم ۋاقىتقىچە يەرگە قۇنۇش بۇيرىقىنى چەكلەش سىستېمىسى(ئاتمۇسفىرا بىسىمى ئارقىلىقمۇ يەر بىلەن بولغان ئارلىقنى ئۆلچىگىلى بۇلىدۇ) ئورنىتىپ،ئەھۋال بىنورمال بولسا بۇرلۇپلا قاچىدىغان،بىر كىلومىتىر ئارلىققا بىر نەرسە كەلسە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان قۇرۇلما سەپلەيمەن.

ئەلۋەتتە، بەزىلەر رادار بىلەن ئەتراپنى نازارەت قىلسا دۈشمەنگە ‹‹مەن كەلدىم››دىگەنلىك بولمامدۇ؟دىيىشى مومكىن؛ئەمما ئايرۇپىلاندىكى رەسىم ئاپراتى بىلەن گۇگۇلنىڭ خەرىتىسىنى ئاپتوماتىك سىلىشتۇرۇش تېخنىكىسى بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ.

يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى رادىئو تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن،دوستلارغا توردىن بىر رادىئو توك يۇلى ئسخىمىسىنى چۇشۇرۇپ، رادىئو تۇغىرلىق قىسقىچە چۈشەنچە بېرەي.

addi radio.GIF

ئاددى رادىئو قۇبۇللىغۇچلاردا بىرلا كىرىستال لامپا ۋەبىر سازلاش توك يۇلى(ئانتىنا تاياقچىسى) ئىشلىتىلىپ، سازلاش توك يۇلىدىكى كوندىساتور 270پىكو فارادا بولغاندا 550كڭلو گىرتىس ئەتراپىدىكى سىگناللار بۇيەردە مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ،يۇقىرى چاستوتىلىق سىگناللاركوندىساتوردىن ئۈتۈپ كىتىپ يەرلىشىپ يۇقايدۇ،تۇۋەن چاستوتىلىق سىگناللار بولسا كوندىساتور سىغىمى يىتەرلىك چوڭ بولمىغاچ ئۇيەردىن كېيىنكى ئورامغا ئىندوكسىيلىنەلمەي شۇيەردىلا قالىدۇ. بۇخىل رادىئو قۇبۇللىغۇچتا ئىستانسا ئارلىشۋىلىش،ئەتراپتىكى ئىلىكتىر ماگىنىت شاۋقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاۋازى سۈزۈك بولماسلىقتەك كەمچىلىكلېرى بار بولۇپ،پەقەت يىقىن ئەتراپتىكى سىگنالى كۈچلۈك رادىئو ئوزىللېرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى ئاڭلىغىلى بۇلىدۇ،ئەمما دۆۆلىتىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ بولغاچ،بۇرۇنلاردا ئۈچ-تۆت بۇغۇملۇق ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتكۈچلۈك ئىنتايىن سەزگۈر رادىئو قۇبۇللىغۇچلار بار ئىدى، بىر تەرەپتىن ھەممەيەردە رادىئو ئىستانسىلېرى كۈپەيسە يەنە بىر تەرەپتىن ئەركىن ئاسىيا دەمدۇ ئىشقىلىپ قانداقتۇر بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ رادىئو ئارقىلىق قىزىققان ياشلارنى ئازدۇرۇپ مەنۋىتۇرمۇشىمىزغا، ئىقتىسادى تەرەققىياتىمىزغا تۇسقۇنلۇق(سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق بولغان شاپتول ياغىچىدىن چۇكا ئشلەپچىقىرالماي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۈتكەپ كەلگەن چۇكىلارنى ئىشلىتىمىز) قىلىشى، خەلىققە ئاۋارىچىلىك تىپىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى ئويلىغانمۇ ئىشقىلىپ ھازىرقى رادىئولارنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئىشىپ كەتسە ئىككى بۇغۇملۇق ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتش دەرىجىسىدىن ئاشمايدۇ.

ھازىر بىر بۇغۇملۇق ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتكۈچلۈك رادىئو قۇبۇللىغۇچ بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

radio.GIF

بۇخىل رادىئو قۇبۇللىغۇچلارنىڭ ئىستانسا تاللاشچانلىقى ياخشى بولغاندىن سىرىت يەنە ئاجىز-كۈچلۈك رادىئو ئوزىللېرىنىڭ سىگنالىغا قارىتا كۈچەيتىشچانلىقنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ ئاۋاز يۇقىرى تۈۋەنلىكىنىڭ مۇقىم بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ئارتۇقچىلىقى بار.

ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتكۈچلۈك رادىئو قۇبۇللىغۇچتا ئىككى سازلاش توك يۇلى بولۇپ، بىرى ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچB2، يەنە بىرى ئىستانسا تاللاش سازلىغۇچىB1.تاللانغان ئىستانسا سىگنالى 1-لامپىدا كۇچەيتىلىپ ئوزىدىكى تەۋرەنگۈچتىكى ئورامدىن ئۈتۈش جەريانىدا ئۆزىدىكى تەۋرىنىش سىگنالى ئىندوكسىيلىنىپ ئارلاشما سىگنال B3كە يىتىپ بارىدۇ. ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچ، ھامان تاللىنىدىغان ئىستانسا چاستوتىسىدىن 465 كىلوگىرتىس يۇقىرى تەكرارلىقتا تەۋرىنىپ يەنى بىر ۋاقىتتا تەڭ ئۆزگىرىدىغان ئىككى ئۆزگىرىشچان كوندىساتورنىڭ خۇسوسىيتى ئارقىلىق ئىستانسا سىگنالىدىن 465 كىلوگىرتىس يۇقىرى پەرىقنى ھەرۋاقىت ساقلاپ، پەرىق سىگنال 465كىلو گىرتىسنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.مەسلەن؛ئىستانسا سازلىغۇچى توك يۇلى 555كىلو گىرتىس تىكى بىر ئىستانسىغا تۇغىرلانغاندا ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچ چاستوتىسى 1020كىلو گىرتىستا تەۋرەنگەن ھالەتتە بولۇپ، B3تەۋرىنىش ئرام گۇرۇپپىسى 465كىلو گىرتىسلىق تەۋرىنىشتىن باشقا سىگناللارنى يەكلەش ھالىتىگە تەڭشەلگەنلىكتىن باشقا سىگناللارنىڭ بىر قىسمىنى يۇقىتىپ بۇيەردە ئارلاشما سىگنال بارلىققا كىلىدۇ.ئەمما رادىئو سىگنالىدا ئاۋاز سىگنالى بولغان بىلەن ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچتە تۈۋەن چاستوتىلىق سىگنال بولمىغانلىقتىن 2-لامپا ئارقىلىق كۈچەيتىلىپB4كە يوللانغاندا ئۇتتۇرا چاستوتىلىق تەۋرەنگۈچتە ئاۋاز سىگنالى ھىچقانداق بۇزۇلمايدۇ.كۈچەيتىلگەن ئۇتتۇرا چاستوتىلىق سىگنال ئۈچىنچى لامپىدىن ئۈتكەندە كۈچەيتىلىش بىلەن بىرگە تارقاتقۇچى قۇتۇپتىكى ئۆزگىرىشچان قارشىلىقتىن ئۈتۈپ ئاۋاز چوڭ-كىچىكلىكى تەڭشەلگەندىن كېيىن تۇۋەن تەكرارلىق(ئاۋاز تەكرارلىق)كۇچەيتكۈچكە يوللىنىدۇ،ئۇيەردىن كۈچەيتىلىپ ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئاۋازغا ئايلىنىپ قۇلىقىمىزغا گاڭنام ئات مىنىش مۇزىكىسى ئاڭلىنىدۇ .

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي...

ئاپتور:ئابلىمىت.مەمەت(مەن)

addi radio.GIF (13.43 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

addi radio.GIF

addi radio.GIF (13.43 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

addi radio.GIF

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1014
شۆھرەت
134
تەڭگە
8
1-قەۋەت
‎2013-3-13 21:39:37 يوللىغان ۋاقتى
فىزىكا دېگەن ۋەھششى پەن جۇمۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىمىز دەيدىغان، فىزىكىنىڭ قۇدرىتى بىلەن يەرشارىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتكىلى بولىدۇ دەپ. فىزىكىنىڭ قان-قېرىندىشى ماتېماتىكا دەپمۇ قوياتتى.

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تەرجىمە فىلىم ئۇستىسى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
3889
شۆھرەت
775
تەڭگە
476

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

جان بېقىشنىلا دەپ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن  ھەي ئاۋۇ‹‹كىشى››!
2-قەۋەت
‎2013-3-13 22:27:37 يوللىغان ۋاقتى
erdewil يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 21:39
فىزىكا دېگەن ۋەھششى پەن جۇمۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇ ...

ماتىماتىكا فىزىكا كەسپىدە ھەقىقەتەن بەك مۇھىم، بولۇپمۇ ئاپتۇماتلاشتۇرۇشتا...

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1014
شۆھرەت
134
تەڭگە
8
3-قەۋەت
‎2013-3-13 23:37:21 يوللىغان ۋاقتى
مۇشۇنداق بىلىملەرگەبەكلاقىزىقىمەن دىسە ؟تۇلۇقسىزئوتتۇرنىڭ 3-يىللىقىدائوقۇغان ۋاقتىمدا پاراللىل سىنىپلار بۇيچە (10 سىنىپ) مەنلا 100 نومۇر بىلەن ئىمتاھاندىن ئۆتكەن فىزىكىدا  .....ھەي ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولمىغان بولسا مۇشۇ فىزىكا كەسپىدەبەك .ئوقۇغۇم باتتى.

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1345
شۆھرەت
323
تەڭگە
30
5-قەۋەت
‎2013-3-14 08:06:37 يوللىغان ۋاقتى
مىللەت،گۈللىنىش دىگەنلەر بىلەن كارىم نېمە دەپ، جان بىقىشنىڭ يۇلىغا كىرەي دىسە ئۇقۇمىغانلارمۇ سەنئەتكە يۈرۈش قىلسىلا جانباقىدۇ.چۇنكى بۇ جاھالەتكە مەھكۇم مىللەتنىڭ بىردىنبىر كۈڭۈل تەسەللىسى. ھىلىقى تاشمۇھەممەتمۇ سەھنىدە يىغلاپ چولپان بولدىغۇ...
مىللەت، كەلگۈسىدىكى بالام،نەۋرەم دەيدىغان ئادەم تەبئى-پەن كەسىپلېرى تەرەققىياتىغا كۈڭۈل بۈلىشى كېرەك.

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1014
شۆھرەت
134
تەڭگە
8

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.041105 second(s), 17 queries . GMT+8, 2017-6-23 17:50  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش