ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ھەممىڭلار مەلۇم، «قۇتيار» دېگەن بۇ نامنى مەن ئەڭ دەسلەپتە 2009 - يىلنىڭ بېشىدا ئاقسۇدىكى كومپيۇتېر تىجارىتىمنى قىلىش ئۈچۈن ئويلىشىپ دۇكان نامى قىلىپ قويغان ۋە كېيىن بېكەت ئېچىپ مانا ھازىرقىدەك ئەھۋالغا ئېلىپ كەلدىم. 2011 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇشۇ قۇتيارنىڭ ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ قانۇنلۇق ھالدا رەسمى ماركا كىنىشكىسىنى قولۇمغا ئالدىم. يەنى ئېلېكترون تۈرى بولغان 9 - تۈرگە ئالدۇرۇپ كېيىنلىك ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم.
يېقىندىن بېرى «قۇتيار» نامىدىكى شىركەت، دۇكان ۋە مەھسۇلاتلار چىقىۋاتقان ئىشلار مەۋجۇتكەن.
قۇتيار نامىدىكى يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ بارلىقىنى 2012 - يىلى بىلگەن ئىدىم ھەم ئۇ قۇتيارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوخشاش بولغان بىلەن باشقىچە يېزىلىشى ۋە ماركىسى ئوخشىمايدىكەن. يەنى kutyar دەپ يېزىقلىق ۋە ماركىسىمۇ قەتئىيلا ئوخشىمايدۇ. بۇنىغۇ بىلەلەيدۇ ھەر قانداق كىشى بۇ قۇتيارنىڭ ئەمەسلىكىنى.
ئەمدى بىر ئاينىڭ ئالدىدا قۇتياردا بىر ئىنكاستا قۇتيار ئېلانچىلىق شىركىتى دەمدۇ شۇنداق بىر ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم. بۇنىڭ ماركىسى ئوخشىمايدۇ لېكىن يېزىلىشى Qutyar ئوخشايدۇ.
يەنە بۇنىڭدىن باشقا qutyar.com دەپمۇ بىر تور بېكەت بار. بۇمۇ مۇشۇ قۇتيارغا ئوخشايدۇ.
ئەمدى بۇ يەردە نېمىشقا قۇتيارنىڭ com نامىنى ئالمىدىڭلار دەپ سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە بۇرۇن چۈشەنچە بەرگەن يەنە بۇ تېمىدىمۇ چۈشەنچە بېرىپ قوياي.
2009 - يىلنىڭ باشلىرى تور توختىغاندىن كېيىن تور نامىنى ئىچكىرىدىكى تونۇشلار ئارقىلىق تەكشۈرگۈزۈپ سۈرۈشتۈرسەك com نامىنى ئىچكىردىكى بىر خەنزۇ شىركەتنىڭ تور بېكىتى قىلىپ ئېچىۋېتىپتىكەن. شۇڭا ئۇ نامنى ئېلىشقا ئىمكان بولمىغان. لېكىن كېيىن قۇتيار ئېچىلىپ ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇر يولداش ئېچىپتۇ. قانداق بولۇپ ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىنىنىمۇ بىلمىدۇق، كېيىن ئالاقە قىلىپ بۇ ئىسىمنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى، ھەق بېرىشىمىزنى ۋە بېكەت ياساپ بېرىشىمىزنى ئېيتىپ ئۆتۈنگەن بولساقمۇ ئېگىسى بۇنىڭغا قوشۇلماي ئامالسىز مۇشۇ نامىمىزنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاقسۇ ۋاڭسەن كوچىسىدا قۇتيار ئېلان بېزەكچىلىكى دېگەن نامدا بىر دۇكان بار، بۇ دۇكانمۇ بۇ قۇتيار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئەمدى بۇنى تېمىنى نېمىشقا يوللىدىڭ دېگەن مەقسەتكە كەلسەك، ھازىر ئالدامچىلار ئاۋۇپ كەتتى، تاسادىپىي قۇتيار نامىدىكى دۇكان، شىركەت، تور بەتلەرنى كۆرۈپ مۇشۇ قۇتيار شۇ ئوخشايدۇ دەپ قالىدىغان تورداشلارغا ئالدىن بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازىدىم.
قۇتيارنىڭ بىردىنبىر ئورنى ئاقسۇ شەھىرى پىيادىلەر كوچىسى جۇڭشىن كومپيۇتېر شەھەرچىسى 2 - قەۋەت 31 - دۇكان شۇدۇر. يەنى ئاقسۇ سەركان كومپيۇتېر شىركىتى (قۇتيار)
ھازىرغىچە قۇتيارنىڭ باشقا ھېچقانداق ناھىيە، ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە تارماق ئورنى ياكى دۇكانىنى يوق. ھەم مۇشۇ قۇتيار نامىدىكى تور بېكەتتىن باشقا تور بېكەت ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى يوق.
قۇتيار ئاستىدىكى تور بېكەتلەر ۋە دۇكانلار:
www.qutyar.net
www.qutyar.net/mb
www.terjimefilim.com
http://qutyar.taobao.com
مۇشۇلار ھەقىقىي مۇشۇ قۇتيارنىڭ تور بېكەتلىرى ۋە شۇ يەردىكىلەر ھەقىقىي مۇشۇ قۇتيارنىڭ ئېگىلىرى شۇ.
شۇڭا سىز قەيەردە كۆرۈپ كۆرمەڭ، بىلىپ بىلمەي قۇتيار نامىدىكى دۇكان، تورلاردا ساختا ئىشلارغا ئۇچراپ قالماڭ. ناۋادا شۇنداق ئىشلار بولۇپ قالسا بىز ئىگە بولالمايمىز ۋە بولمايمىز. مۇشۇ قۇتيار تورىنىڭ ئىچىدە بىرەر ئېلىم بېرىم ئىشلىرى بولسا بىز %100 كاپالەت قىلغان ئاساستا ئىگە بولالايمىز. ئەمما باشقا يەرلەردە مەن قۇتياردىن، ياكى بىز قۇتيارنىڭ ئادىمى دېگەنلەرنى تونۇمايمىز.
قۇتيارنىڭ ئېلان قوبۇل قىلىدىغان ئادەملىرى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى مۇشۇ يەرلەردە بار.
ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىكى قۇتيارنىڭ ئېلان قوبۇل قىلىش ۋە قۇتيارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزالىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى:
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى
ئۈرۈمچى: 13899972439
تۇرپان: 13899972439
كورلا: 13779685533
ئاقسۇ: 18699778487
قەشقەر: 13579054123
خوتەن: 15999033016
شاڭخەي: 18999989404
مانا شۇنىڭدەك باشقا خىلدىكى قۇتيارلار بىلەن قىلچە ئالاقىمىز يوق. شۇڭا ھەممىمىز ھوشيار بولۇپ، مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلساق.
ناۋادا قۇتيارنىڭ بىرەر ئورنى قۇرۇلسا ياكى يېڭىلىقى بولسا بىز ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ تۇرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى
2013 - يىلى 10 - ئۆكتەبىر |