قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

قۇتيار 2014-يىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرى چىقتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش39549
  • ئىنكاس53
0-قەۋەت
‎2014-2-7 02:27:33 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلا، دوستلار
قۇتيار تور بېكىتىدىن بىر قىسىملىرىمىز ئالدىنقى يىلى كىچىك بىر ئەمەلىي گۇرۇپپا تەشكىللەپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سوئاللىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى، كىتاب نۇسخسى ۋە تور بېكەت نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈشنى پىلانغا ئالغان ئىدۇق. 3 ئاي جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە «قۇتيار يۇمشاق دېتال- تەرجىمە ئىشخانىمىز» دىكى بۇرادەرلەر مانا بۈگۈن ئاخىرى بۇ جاپالىق خىزمەتنىڭ تۇنجى مىۋىسىنى ھەر قايسى تورداشلارغا ۋە شوپۇرلۇق ئۆگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارغا تەمىن ئەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.
دەسلەپكى قەدەمدە بىز 2013-يىللىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەنزۇچە سوئاللىرىدىن (يەنى 2013-يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى سوئاللاردىن) 1-پەن ئىمتىھان سوئالى (科目一) ۋە 4-پەن (科目四) بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش بىلىملىرىدىن سوئال جاۋاب (安全文明驾驶) دېگەن ئىككى يۈرۈش ئىمتىھان سوئالىنى 0 دىن باشلاپ تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. بۇ سوئالنىڭ تەرجىمىسىگە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق شوپۇرلۇق مەكتەپ بولغان شىن يۈن (新云) شوپۇرلۇق مەكتىپىدىكى غوللۇق نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرەيلەن قاتناشقان بولۇپ، بىز سوئالنىڭ توغرىلىقىغا ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئىملا، تىنىش بەلگە ۋە باشقا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارغىمۇ سەل قارىماي كەڭ شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىشكە تىرىشتۇق. لېكىن بىزمۇ ئىنسان بولغاندىن كېيىن بەزى بىر نۇقسانلار ياكى ھەر قايسى دوستلارغا قولايسىزلىق كەلتۈرۈپ قويغان جايلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس بەلكىم. شۇڭا ئىشنى تۇنجى باشلاپ ھەر ھالدا خېلى مۇكەممەل قىلغان بولساقمۇ ئاشۇنىڭدەك نۇقسانلار بار بولسا بىزگە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىلەرنى بېرىپ تۇرۇشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


خوش ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى قويۇپ بۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى!
1 . قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنىڭ ھەر قايىسى نۇسخىسلىرى ھەققىدە:
مەزكۇر شوپۇرلۇق سىستېمىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى (بىر دانە)، يانفون نۇسخىسى (1-پەن ۋە 4-پەن ئىككى نۇسخا)، كىتاب نۇسخىسى (1-پەن ۋە 4-پەن) ۋە تور نۇسخىسى (ھازىر جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ) قاتارلىق 4 خىل شەكىلدىكى نۇسخىلىرى بار بولۇپ، نۆۋەتتە بىز بازارغا سالغىنىمىزدىن يانفون نۇسخىىسنىڭ 1-پەن ۋە 4-پەن نەزەرىيە قىسىمى تولۇق پۈتۈپ، سىناقلاردىن ئۆتۈپ 50-60 ئىشلەتكۈچىلەرگە سېتىلىپ بولۇندى. يەنى بازارغا كىرىپ بولۇندى. يەنە كىتاب نۇسخىسىمىزمۇ بىر ئاي بۇرۇنلا بازارغا سېلىنىپ ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىمىزگە يەتكۈزۈلۈپ سېتىلىۋاتىدۇ. بۇمۇ 1-پەن نەزەرىيە ۋە 4-پەن نەزەرىيە بولۇپ ئىككى نۇسخا چىقتى.
تۆۋەندە يانفون نۇسخىسىدىن بىر قانچە پارچە كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!
1-پەن يانفون نۇسخىسىدىن كۆرنۈش
豌豆荚截图20140206154231.png
豌豆荚截图20140206154243.png
豌豆荚截图20140206154252.png
豌豆荚截图20140206154303.png
豌豆荚截图20140206154329.png
豌豆荚截图20140206154356.png
豌豆荚截图20140206154410.png
豌豆荚截图20140206154421.png
豌豆荚截图20140206154430.png

4-پەن يانفون نۇسخىسىدىن كۆرۈنۈش
豌豆荚截图20140206154515.png
豌豆荚截图20140206154524.png
豌豆荚截图20140206154542.png
豌豆荚截图20140206154549.png
豌豆荚截图20140206154631.png
豌豆荚截图20140206154636.png


ئەمدى كومپيۇتېر ۋە تور نۇسخىسى ھازىر جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ، شۇنچە تىرىشساقمۇ بۇ تېخنىكىلىق ئىشلار بولغاچقا يەنىلا قول تۇتۇپ قېلىپ كېچىكىپ قالدى. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئاي چىققۇچە بۇ ئىككى نۇسخىمۇ تەييار بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا ھازىرچە كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ بىر قىسىم كۆرنمە يۈزلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇڭلار.
كومپيۇتېر نۇسخىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
001.jpg
002.jpg
003.jpg
004.jpg
005.jpg
006.jpg
007.jpg
008.jpg
009.jpg
010.jpg
011.jpg
012.jpg


2 . قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنىڭ سوئاللىرى ھەققىدە:
دۆلەت قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان ئەڭ يېڭى يول قاتناش قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش-تەربىيىلەش دەرسلىكى ۋە ئىمتىھان پروگراممىسى» قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئەمەلىي ئىمتىھان مەزمۇنىغا ئۇيغۇن بولۇش، مەزمۇن تولۇق ھەم توغرا بولۇش پرىنسىپى ئاساسىدا، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قولىڭىزدىكى ماتېرىيال تۈزۈپ چىقىلدى، ئۇشبۇ ماتېرىيالدا سوئاللارغا ماس رەڭلىك رەسىم ۋە سوئال-جاۋابلار ئىخچام، كۆركەم، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاسان چۈشەنگىلى ۋە ئەستە تۇتقىلى بولىدۇ.
ئۇشبۇ ماتېرىيال مەزمۇنى ئەڭ يېڭى، ئەڭ تولۇق بولغان خەنزۇچە ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ چىقىلغان بولۇپ، 1 - پەن كىتابتا جەمئىي 1141 سوئال، بارلىق قاتناش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك ئاپتوموبىل تۈرىدە 973 سوئال بار، بۇ سوئاللارغا يۈك ئاپتوموبىلى تۈرى بويىچە 66 سوئال، يولۇچىلار ئاپتوموبىل تۈرى بويىچە  52 سوئال، ئېغىرلىق مەشغۇلات ئاپتوموبىلى تۈرى بويىچە 50 سوئال قوشۇلغان بولۇپ، مەزمۇن تۈرى ئېنىق ئايرىلىپ، مەزمۇن ياكى ئالماقچى بولغان پراۋا تۈرى بويىچە ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قۇلايلىق يارىتىلدى.
4 - پەن يەنى بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش بىلىملىرى دېگەن كىتابتا جەمئىي 800 سوئال بار بولۇپ، مەزمۇن تۈرى ئېنىق ئايرىلىپ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قۇلايلىق يارىتىلدى. كەڭ دوستلارنىڭ يېڭى ماتېرىيالغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشى ئۈچۈن ئۇشبۇ ماتېرىيال ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە تاماملاندى. تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش جەريانىدا بىر قىسىم خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


3 . قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى

كومپيۇتېر نۇسخىسى بىر دانە: باھاسى 80 يۈەن (ئەسلى ئىككى نۇسخا قىلماقچى ئىدۇق لېكىن كۆپ قىسم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 1-پەن ۋە 4-پەننى بىرلەشتۈرۈپ بىرلا نۇسخا قىلدۇق. شۇڭا باھاسى ئاڭلىماققا يۇقىرى لېكىن ئايرىم-ئايرىم نۇسخىسىغا قارىغاندا 20 يۈەن ئەرزان. ئايرىم چىققان بولسا ھەر بىر نۇسخىسى 50 يۈەندىن چىقاتتى)
مۇددىتى: بىر يىل

يانفون نۇسخىسى 1-پەن: 30 يۈەن      مۇددىتى: بىر يىل
يانفون نۇسخىسى 4-پەن: 30 يۈەن      مۇددىتى: بىر يىل

تور نۇسخىسى: ھەقلىق ھەم ھەقسىز (ھەقلىقى تولۇق چىقىدۇ رەسىملىرى ئالاھىدە سۈزۈك، ھەقسىز 300 سوئالدا توختايدۇ ھەم كېلىپ رەسىملىرى تۇتۇق)

يۇقارقى باھالار ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېنىدىمۇ ئوخشاش شۇ باھادا. قۇتيار شوپۇرلۇق تورىغا كىرىپ ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقە ئۇسۇللىرىنى تېپىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

4 . كېيىنكى نىشانىمىز:
بىز بۇ سىستېما ھەققىدە ۋە سوئال مەزمۇنى جەھەتتىن كۆپ ئىزدىنىپ خېلى مۇكەممەللەشتۈرگەن بولساقمۇ بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزغا تېخى بار. بىز يەنە داۋاملىق بۇ سىستېمىنى ۋە سوئاللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقىمىز. يەنى ھەر بىر سوئاللارنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلغاندىكى يەشمىسى ۋە جاۋاب تاللىلغاندىكى يەشملىرىنى تولۇق شەرھىلەپ چىقىپ، شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي بىر شوپۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىمىز. ئەلۋەتتە سوئاللارنى ھەر قايسىڭلارغا يەتكۈزۈش بىزدىن، قوبۇل قىلىش ھەرقايسى دوستلاردىن.

5 . مۇلازىمەتلىرىمىز:
نۆۋەتتە قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېملىرى ھەققىدە چۈشەنمىگەن جايلار ياكى بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور بېكەت، مىكروخەت (ۋېيشىن) سۇپىسى، قولاي خەت (يىشىن) سۇپىسى ۋە QQ توپى تەسىس قىپ چىقتۇق. ناۋادا بۇ سىستېمىلار ھەققىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز بىز ھەرۋاقىت ياردەم بېرىشكە تەييارمىز.
شوپۇرلۇق ئورگان تور بېكىتى:
www.Shopurluq.com
www.Xopurluk.com

شوپۇرلۇق مىكروخەت سۇپىسىنى ئىزدەش نامى: Shopurluq
RQ ئىككىلىك كودى
weixin.jpg

شوپۇرلۇق قولاي خەت سۇپىسىنى ئىزدەش نامى: Shopurluq
RQ ئىككىلىك كودى
yixin.jpg

شوپۇرلۇق QQ سىغا كىرىش نومۇرى: 2102434310
QQ توپ نومۇرى: 106724048

باشقا ئالاقە ئۇسۇللىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قۇتيار شوپۇرلۇق تورىغا كىرىپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

6 . ھەمكارلىق مۇلازىمىتى
ناۋادا بىز بىلەن ھەمكارلاشمقاقچى بولغانلار بولسا قارشى ئالىمىز.

ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق.
ئۆز ئارا تونۇش بىلىشلىرىڭىزگە ۋە  يېقىنلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى
قۇتيار شوپۇرلۇق تور بېكىتى
قۇتيار يۇمشاق دېتال - تەرجىمە ئىشخانىسى

2014 - يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 7 - كۈنى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
123456 ‎+7

ھەممە باھا نومۇرى : ‎شۆھرەت + 7   باھا خاتىرىسى

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
1-قەۋەت
‎2014-2-7 09:18:51 يوللىغان ۋاقتى
mujayit يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 08:24
مەن يانفون نۇسقىسىغا قىزقىپ قالدىم، 4 -تۈرنى بەرمەكچى ئ ...

تولۇق ئوقۇپماپسىزدە تېمنى. يانفون نۇسخىسى ۋە كىتابلارنى سېتىۋاتىمىز. تولۇق پۈتتى ئۇلار.
سىز يانفون نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، ئىچىدىكى پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ پۇل تۆلىگەندىن كېيىن بىزگە قىسقا ئۇچۇر شەكىلدە ياكى باشقا ئالاقە ئۇسۇلى ئارقىلىق يانفونىڭىزنىڭ ماشىنا كودىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزلا، بىز سىزگە ئىجازەت نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىتىپ كېتىسز دېگەن گەپ.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
2-قەۋەت
‎2014-2-7 10:16:31 يوللىغان ۋاقتى
1-ئاينىڭ بېشىدا پۈتۈپ باسمىدىن چىققان، قۇتيار 2014-يىللىق يىلنامىسى ھەرقايسى ۋاكالەتچىلەرگە تاپشۇرۇلغان. بۇ يىلنامە ھەقسىز. ناۋادا تۇرۇشلۇق ئورنۇڭلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىمىز تېخى تارقىتىپ بولالمىغان بولسا بېرىپ بىرەر پارچە ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى شۇ يىلنامىنى كۆرۈنمە يۈزى:
qutyar yilnamisi 2014-new-k.jpg

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
3-قەۋەت
‎2014-2-7 13:04:46 يوللىغان ۋاقتى
بولسا مۇشۇ شوپۇرلۇق تورىغا 2-3تۈرنىڭ نەزەرىيەسى ۋە سىنلىق تېخنىكا بىلىملىرىنىمۇ قوشۇپ قويساڭلار،ئىزدىنىش تورىدىكى خىيالچى ئەپەندىمنىڭ بىر يازمىسى بولىدىغان‹‹ئامبارغا ئوڭدىن كەينىچىلاپ كىرىش ››‹‹سولدىن كەينىچىلاپ كىرىش›› دىگەنگە ئوخشاش. يەنە شۇ تېخنىكىلىق ئىشلارنىڭ سىن كۆرۈنىشى  بولسا شۇنىمۇ تەرجىمە قىلپ تارقاتساڭلار. شۇ سىن كۆرۈنۈشلەرنى  ھەقلىق كۆرىدىغان  قىلساڭلارمۇ مەيلى،

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
751
شۆھرەت
142
تەڭگە
22
5-قەۋەت
‎2014-2-7 13:06:34 يوللىغان ۋاقتى
بۇ بىر يۈرۈش سېستىلارنىڭ ئىلان قىلىنغىنىنى مۇبارەكلەيمەن،ئاللا خالىسا 2-3 تۈردىن ئۆتۈپ بولسام  4-تۈرنى قۇتيارنىڭ سىستېمىسىدىن ئۈگۈنىمەن

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
751
شۆھرەت
142
تەڭگە
22
6-قەۋەت
‎2014-2-7 13:30:40 يوللىغان ۋاقتى
مەن گەرچە پىراۋا ئېلىپ بولغان بولساممۇ شۇ جاپاكەش  ئۇستازلارغا رەھمەت ئېيتىمەن،جاپا چەكتىڭلار

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
901
شۆھرەت
70
تەڭگە
0
7-قەۋەت
‎2014-2-7 13:32:38 يوللىغان ۋاقتى
irpan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 13:04
بولسا مۇشۇ شوپۇرلۇق تورىغا 2-3تۈرنىڭ نەزەرىيەسى ۋە سىنل ...

ھازىر بۇ تۇنجى قەدەم. شۇ سىنلارنىمۇ قىلىمىز ئاللاھ خالىسا

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
8-قەۋەت
‎2014-2-7 20:16:45 يوللىغان ۋاقتى
Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 09:18
تولۇق ئوقۇپماپسىزدە تېمنى. يانفون نۇسخىسى ۋە كىتابلا ...

wp نۇسخىسى يۇقما بولسا مۇشۇندا نادىر دېتاللارنى ۋىندوۋس سېستىمىلىقلار ئۈچۈنمۇ ياساپ ۋىندوۋس تېلېفوننىڭ ئەپ بازىرىغا چىقىرىپ قويساڭلەر ھەقلىق قىلىپ ئىشلىتىپ كىتەتتۇق دە بۇ دېتالنى.

تۇتۇق

Rank:4

[؟]

تەجرىبە
2854
شۆھرەت
756
تەڭگە
20
9-قەۋەت
‎2014-2-7 20:46:24 يوللىغان ۋاقتى
yasinmac يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 20:16
wp نۇسخىسى يۇقما بولسا مۇشۇندا نادىر دېتاللارنى ۋىندو ...

يېقىنقى پىلاندا WP ۋە Iphone نۇسخىسىنى ئىشلەش ئويىمىز يوق. ئەمما كەلگۈسى بىر كۈنلىرى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھەممىسى ۋاقىت مەسىلىسى ۋە سىلەرنىڭ بىزنى قوللاش مەسىلىسى.

بېكەت باشلىقى

بېكەت تېخنىكى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
20162
شۆھرەت
10593
تەڭگە
10366

مۇنبەر باشلىقى

ئۆزگىگە يالۋۇرغىچە ئۆزۈڭگە يالۋۇر.
10-قەۋەت
‎2014-2-7 21:10:41 يوللىغان ۋاقتى
Munglan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 20:46
يېقىنقى پىلاندا WP ۋە Iphone نۇسخىسىنى ئىشلەش ئويىمىز يوق ...

رەھمەت بولسا شۇنداق قىلساڭلەر يىقىنقى يىللاردىن بۇيان شوپۇرلۇق نەزىريە ئىنتىھانى بېرىدىغانلار كۈپىيىپ قالدى،ھەقلىق بولسىمۇ ياساب قويساڭلەر سىتۋىلىپ ئىشلەتسەك،نۇرغۇنكىشلېرىمىز ھەقسىز تەمىنلىگەنلېرى تۇرسا 200 گە قاچلاپ باردى بىرى دەپ ئىشلىتۋىتىپتىكە مەن ھەقسىز قاچلاپ بەردىم بىرى بولسىمۇ پايدىلانسۇندەپ،سىلەرگە ئۇخشاش مۇنتىزىم ياساپ ھەق ئالسا مەيلىتتى ،لىكىن باشقىلار تارقانتقان نەرسىنىمۇ باشقىلارنى ئەخمەق قىلىپ پۇلغا قاچلاپ بېردىغان ئىشلار جىقكەن ،بولسا چاققانراق چىقارساڭلەر.

تۇتۇق

Rank:4

[؟]

تەجرىبە
2854
شۆھرەت
756
تەڭگە
20

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.126489 second(s), 18 queries . GMT+8, 2017-6-23 15:50  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش