قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

javascript نىمىشقا شۇنچە داڭلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش1002
  • ئىنكاس0
0-قەۋەت
‎2016-11-27 21:31:39 يوللىغان ۋاقتى
110650a77d9d543126的副本.jpg % t: E/ U% z$ \9 B. j. v
javascript كومپيۇتېرنىڭ پەيدا بولۇشىغا باشلاپ بارلىققا كەلگەن كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال پروگرامما تىللىرى ئىچىدىكى مونوپول خاراكتېرىنى ئالغان ئابۇنىتلىرى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ھەرقانداق ئۈسكۈنىدە ئىجرا بولىدىغان يۇمشاق دېتال ئىچىش تىلىدۇر. سۈنئىي ئەقىل دىن باشلاپ سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقىچە ،قاتتىق دېتالغا كىرىش ۋە باشقۇرۇشتىن باشلاپ تەتقىقات خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان،رامكا ۋە ئامبارلىرى ماتېرىياللىرى ۋە ئاچقۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان يۇمشاق دېتال ئىنقىلابىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك پروگرامما تىلىدۇر.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كومپيۇتېر ئالىملىرى ،چوڭ ئورگانلار ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن باشلاپ ئادەتتىكى كىشىلەرگىچە ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بىر تىلىدۇر،داڭلىق كومپيۇتېر ئانالىزچىلىرى ۋە ئىنتېرنېت يۆلىنىش ئانالىزچىلىرى »يۇمشاق دېتال سانائىتى دۇنيانى يۇتىۋاتماقتا« دەپ باھا بەرگەن بولسا ،javascript نى يۇمشاق دېتال سانائىتىدىكى يۇمشاق دېتال ئىشلەپ چىقىرىدىغان پروگرامما تىللىرىنى يۇتۇپ پروگرامما تىللىرىنى مونوپول قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا.* w0 y% t3 ], P8 }
+ E3 f' Z6 z+ w% j
بىز بىلىدىغان توربەت يەنى web مونوپول خاراكتېرلىك سۇپىغا ئايلىنىپ بولدى،توربەت ھەممە يەردە بار،كىچىك ئۈسكۈنىدىن چوڭ ئۈسكۈنىگىچە،دېمەكچىمەنكى ios,android,window,mac osx,linux ھەممىسىدە javascript ئىجرا بولىدىغان سۇپا بار،توربەت(web)نىڭ ئالتۇن قېسمى يەنىلا javascript دۇر،دېمەك سىز javascript بىلەن ياسىغان ھەرقانداق بىر ئەپ ھەرقانداق بىر ئۈسكۈنىدە زامان ماكان چەكلىمىسى ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى تور چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئىجرا بولىدۇ،javascript ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئارتۇقچىلىقلىرى بولسا javascript نىڭ ئابۇنىت تەرەپ ۋە مۇلازىمەت تەرەپتە تەڭلا ئىجرا بولۇشى بولۇپ ،بۇ ئارتۇقچىلىق پۈتكۈل دۇنيادىكى يۇمشاق دېتال ئاچىدىغان پىروگىراممىرلارنى شىددەت بىلەن ئۆزىگە تارتىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇخىل ۋەزىيەت تېخىمۇ ئەۋجگە چىقماقتا،javascript نىڭ مۇلازىمىتېر تەرەپتە ئىجرا بولىدىغان ئالاھىدىلىكىنى قوللانغاندا سەپلىمىسى نورمال بولغان كومپيۇتېر، 1مىليون ئابۇنتنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن تەلىپىنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ. javascrip توركۆرگۈچ تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.javascript ئىنژېنېرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا ماگناتى ھېسابلىنىدىغان google,facebook,twitter,apple,yahoo,netflix قاتارلىق شىركەتلەردە، يىللىقى مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
+ J+ s$ B, W- X3 ~4 Y( W+ Q+ T/ p
/ |% ~5 q# W0 e5 s5 Eمۇلازىمىتېر تەرەپ ۋە ئابۇنىت تەرەپ ئارىسىدا ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان json سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى يۇمشاق دېتال سانائىتىدىكى تېررىتورىيەسى ئوخشاش ياكى ئوخشاش بولمىغان تورغا ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئۆلچەم قىلىپ قوللىنىۋاتقان بۇ قۇرۇلما دەل javascript نىڭ بىر قىسمىدۇر.بۇ javascript نىڭ باشقا پروگرامما تىللىرىدىن ئەۋزەل بولغان بىرتەرىپىدۇر.ھەرقانداق بىر ئۈسكۈنىدە توركۆرگۈچ بار،ھەرقانداق بىر توركۆرگۈچ javascript نى قوللايدۇ.دېمەك سىز javascript نى ئۆگەنسىڭىز ھەرقانداق ئۈسكۈنە ۋە ھەرقانداق مۇھىتتا يۇمشاق دېتال ياسىيالايسىز،javascript ھەتتا c++ ۋە java دىمۇ خىزمەت قىلىدۇ،توركۆرگۈچتە ئىجرا بولىدىغان ئەپلەردىن باشقا android ,ios قاتارلىق سىستېمىلار قاچىلانغان گۇگۇل ۋە ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئىجرا بولىدىغان ئەپلەرنى ياسىيالايسىز،بۇ بىر رىۋايەت ئەمەس ،ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتتە كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تىلىنى بىلگەنلەر قوللىنىۋاتقان تېخنىكىلاردۇر 9 H) F8 I) [. x* G1 h( C1 l; Z

2 o/ \$ c: c' hئاپتورى:سەدىردىن ئابلىمىت
) L* P* C* ^  K2016-11-27

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
381
شۆھرەت
183
تەڭگە
59

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.114092 second(s), 17 queries . GMT+8, 2017-6-23 13:41  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش