0-قەۋەت
2013-2-24 11:57:49 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bughra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 12:05
بۇ تېما قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن نۇرقۇتتىن كۆچۈرۈپ كېلىندى! ئىنكاس ۋە ئېلخەت قالدۇرماقچى بولسىڭىز ئەسلى تېماغا قالدۇرۇڭ!
«ئىملا ئامبىرىدىكى 67 مىڭ سۆز ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ» دىگەن تېمىدا مەن ئاندرويىد ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچكە (خەنچە 多功能输入法 دەيدۇ، ئېنگىلىزچە MultiLing دەيدۇ، ماۋۇ ئۇلانمىدا بار) سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەپ بەرگەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، مانا بىر قانچە كۈن بۇلا-بولماي ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچنى ياسىغان ئاغىنىمىز بۇ ئامبارنى قىستۇرما ھالەتتە ماڭا ئەۋەتىپتۇ، مەن قاچىلاپ سىناپ باقتىم، تۈۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ ئۆتىلى:
رەسىملەر كۆچۈرۈلمىدى،ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ!
دىققەت قىلدىغان بولسىڭىز ئاندرويىد، نۇرقۇت، قۇتبىلىك... دىگەن يۇقىرى چاستوتىلىق بولمىغان ھەم ئۇيغۇر تىلى ئامبىرىدا بولمىغان يېڭى سۆزلەرمۇ قوشۇلغان، مەن بۇنى ئايرىم يېزىپ قوشۇپ قويغان، يەنە بەزى كۆپ ئۇچرايدىغان يېڭى سۆزلەر يوق، مەسىلەن ئېلخەت دىگەندەك، بۇنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن...
دېمەك ئىملاسى توغرا بولغان نۇرغۇنلىغان يېڭى سۆزلەر ئامباردا يوق، ئەگەر بۇنداق سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرساڭلار ياكى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار كېيىنكى قېتىم تولۇقلىۋىتىمەن.
بۇ قىستۇرمىنى توردا بىۋاستە تارقاتمايمەن، پەقەت ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرغانلارغا ئەۋەتىپ بىرىمەن. شۇڭا نۇرقۇت تورىدىكى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇڭ. @ نىڭ ئورنىغا at دەپ يېزىپ قويۇڭ.
(نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز دەپ سورىسىڭىز، يېقىندا بۇنىڭدىنمۇ ئىسىل بولغان بىر نەرسىنى يوللاپ بىرىمەن، شۇڭا ئېلخەت ئادرىسىڭىلارنى ساقلاپ قويماقچى، رازى بولسىڭىز قالدۇرۇڭ، قالدۇرمىسىڭىزمۇ ئىختىيار).
ماۋۇ تېمىنى ماڭا ۋاكالىتەن قۇتيار، ئالىپ، ئىنتىل ۋە باشقا بېكەتلەرگە يوللاپ قويىدىغانلار بولسا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئېلان: ئۇ كوچىنىڭ دوقىسى، بۇ كوچىنىڭ دوقىسى، ھەجەپمۇ بەلەن ئىكەن، قۇتبىلىكئاخۇننىڭ سۆزلۈك ئامبىرى .(مانا ماۋۇ ھازىرقى زامان گۇڭگا شىئېر ئۇسلۇپىدا يېزىلغان ئېلان )
ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى: توغرا يېزىلغان ھەر بىر خەت ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت! |
|
- تىزىملاتقان
- 2010-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-3-29
- ھوقۇقى
- 14
- جۇغلانما
- 2830
- يازما
- 458
- نادىر
- 0
تەرجىمە فىلىم ئەزاسى
بۇغرا

![[ تەجرىبە 4 _ دەرىجە ] ≥ 1600](source/plugin/qz_mmm/images/0/fenzuan4.gif) ![[ شۆھرەت 1 _ دەرىجە ] ≥ 180](source/plugin/qz_mmm/images/0/heizuan1.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: نادىر تېما ] تەلىپى: 5](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تەڭگە 1 _ دەرىجە ] ≥ 100](source/plugin/qz_mmm/images/0/huangzuan1.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: تېما سانى ] تەلىپى: 50](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ توردىكى ۋاقت 2 _ دەرىجە ] ≥ 144](source/plugin/qz_mmm/images/0/lvzuan2.gif) [؟]
تەجرىبە- 1721
شۆھرەت- 261
تەڭگە- 129
|