ئۈندىدار سالونىنى تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش دەرسلىكى
(2)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ئالدىنقى قېتىم بىز ئۈندىدار سالونىنى قانداق قۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ چىققانئىدۇق. بۇ قېتىم ئەمدى شۇ قۇرۇپ بولغان سالوننى تەڭشەش باسقۇچلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
ئۇنداق بولسا سالونغا كىرىپ قارايدىغان بولسا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەكلەرنى كۆرىمىز.
ئەمدى بىز ئەڭ ئالدى بىلەن سالوننىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ سالون ئىسمنى بېكىتۋېتەيلى.
بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى سالوننامىنى ياكى رەسىمى بار يەرنى چېكىمىز.
بۇ يەرنى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە ئالمىشىدۇ.
بىزبۇ يەردىكى ئىككى ئىستىرىلكا تۇرغان يەرنى ئاساسلىق تەڭشەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.
ئۈستىدىكى ئىستىرىلكا تۇرغىنى سالون رەسىمىنىڭ بەلگىسىنى چىقىرىدىغان يەر شۇ. ئۇنداق بولسا بىز سالون رەسىمىنى چىقىرىپ باقايلى.
رەسىمدىكى باش سۈرەت ئۆزگەرتىش (修改头像) نى باسىمىز.
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن رەسىم تاللاش (选择图片) نى بېسىپ ئەكىرمەكچى بولغان رەسىمنىڭ ئورنىنى كۆرستىپ بېرىمىز.
رەسىمنى تاللاپ ئەكىرگەندىكى ھالەت.
ئەمدى بىز كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ رەسىمنىڭ بەلگىلەشنى تاماملايمىز.
خوش مانا قارايدىغان بولسا باياقى رەڭسىز رەسىمسىز ھالەتتىن بىر چىرايلىقرەسىم بار ھالەتكە ئۆتتى، ئەمدى بىز بۇ ئۈندىدار سالونىغا باشقىلار ئىزدەپتاپىدىغان ئىسىمدىن بىرنى بەلگىلەيلى.
يۇقارقىرەسىمدىكى ئۈندىدار نومۇرىنى بەلگىلەش (设置微信号) دېگەن خەتنى باسىمىز ۋە ئۈندىدار نومۇرىنى بەلگىلەشنى باشلايمىز.
رەسىمدىكىدەك سالونىمىزغا بەلگىلەيدىغان ئىسىم باشقىلار ئىشلىتىپ بولمىغان بولۇشى كېرەك،بولمىسا بەلگىلىيەلمەيسىز ياكى باشقا ئىسىم تاللاشقا توغرا كېلىدۇ.
سالون نامىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
ئەمدى بىز سالوننىڭ باشقىلارغا كۆرۈنىدىغان رەسىمىنى ۋە سالون نومۇرىنى بەلگىلەپ بولدۇق.ئەمدى بىز سالونغا ئادەم كىرسە ئاپتوماتىك ئۇچۇر قايتۇرىدىغان ئىقتىدرىنى بەلگىلىۋالايلى.
بۇنىڭ ئۈچۈن بىز باش سول تەرەپتكى ئىقتىدار (功能) تىزىملىكىدىن ئاپتوماتىك ئۇچۇر قايتۇرۇش (自动回复)دېگەن تۈرگە كىرىمىز.
بۇيەرنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەكلەر چىقىدۇ.
دېمەك بۇ ئىقتىدارلارنى رەسىمدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن بىلىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن.
ئۇنداق بولسا شۇ بويىچە بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن سالونغا مەزمۇن يوللاشنى باشلىساق بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن 2-قىسىم دەرسىمىزتاماملاندى.
مېھمان ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
ئەسكەرتىش: بۇ دەرسلىك پەقەتلا قۇتيار مۇنبىرىدىلا ئېلان قىلىندى. تېما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا سالونلاردا ۋە مۇنبەرلەردە يوللاشقا بولمايدۇ. |