قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

شوپۇرلۇق يانفون نۇسخىسىغا توردا پۇل تۆلەپلا ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش18329
  • ئىنكاس12
0-قەۋەت
‎2014-6-27 12:41:24 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ھەر قايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىىشپ كەلدى. شۇ ۋەجىدىن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ قېتىم يانفون نۇسخىسىنىڭ ئىجازەت نومۇرىنى بىز بىلەن ئالاقە قىلماي تۇرۇپمۇ توردىلا پۇل تۆلەپ شۇ ھامان ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشىدىغان ئىقتىدارنى قوشۇپ يانفون نۇسخىسىنىڭ يېڭى نەشرىنى تارقاتتۇق. ئەمما بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ باققانلار يوق بولغاچقا بۇ تېما ئارقىلىق ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشنى لايىق تاپتۇق.
ئۇنداق بولسا بۇ ئىقتىدارنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە رەسىملىك كۆرسەتمە بېرىپ ئۆتەي.
ئالدى بىلەن سىز شوپۇرلۇق تورىدىن 1-پەن ياكى 4-پەن نەزەرىيەنى چۈشۈرۈپ يانفونغا قاچىلايسىز.
-0.jpg
ئاندىن سىز يانفونغا قاچىلىغان قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ خالىغان پەن تۈرىنى قوزغىتىسىز.
0.jpg
قوزغاتقاندىن كېيىن شۇ يانفوننىڭ ماشىنا نومۇرى ۋە باشقا ئۇچۇرلار چىقىپ تۇرىدۇ. سىز بۇ يەردىن ئالىپاي () ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى تاللايسىز (ھازىرقى ئۇسۇل يانفوندا تۇرۇپ ياكى كومپيۇتېردا تۇرۇپ ئالىپايدىن پۇل تۆلەپ ئاندىن ئىجازەت نومۇرىنى بىز بىلەن ئالاقىلاشمايلا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بانكا كارتىسىغا پۇل سېلىپ ئاندىن بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
00.jpg
ئەمدى بۇ كۆزنەكتىن سىز بىۋاستە ئالىپاي ھېساباتىمىزغا پۇل سالسىڭىزمۇ بولىدۇ لېكىن پۇل سېلىپ بولۇپ يەنە بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ ئىجازەت نومۇرىنى تەلەپ قىلىسىز. بۇنداق بولغاندا بىز سىزگە نومۇر يوللاپ بېرىپ بولغىچە 5-10 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا سىز ئوڭ تەرەپتىكى يانفوندا ھەق تاپشۇرۇش دېگەن كۇنۇپكىنى باسىسىز.
000.jpg
يۇقارقىدەك يانفوندىكى تور كۆرگۈنى تاللاپ قوزغىتىش كۆزنىكى چىقىدۇ (ناۋادا يانفونىڭىزدا بىرلا تور كۆرگۈ بولسا شۇ ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ). بۇنىڭدىن سىز دائىم ئىشلىتدىغان قولايلىق تور كۆرگۈنى تاللايسىز.
0000.jpg
مانا سىز تاللىغان تور كۆرگۈدە يۇقارقىدەك كۆزنەك چىقىدۇ يەنى بىز ئۈستىدە كۆرگەن يانفونىڭىزنى ماشىنا نومۇرىنى كىرگۈزۈش كۆزنىكى چىقىدۇ.
1.jpg
سىز كۆرۈنگەن ماشىنا نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىنلا شۇ ماشىنا نومۇرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا بۇ كۆزنەك ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ. دېمەك سىز خاتا كىرگۈزۈپ قويسىڭىز پۇل تۆلىيەلمەيسىز، شۇڭا بۇ مەشغۇلاتنى قورقماي داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى سىز ئاستىدىكى پۇل تۆلەش سۇپىسىغا كىرىش دېگەن كۇنۇپكىنى باسىسىز.
2.jpg
ئۇ كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن توردا بىۋاستە پۇل تۆلەش دېگەن سېرىق كۇنۇپكا رايونى بار بىر بەت ئېچىلىدۇ. بۇ يەرنى چېكىپ داۋاملاشتۇرىسىز.
3.jpg
ئەمدى مۇھىم يەرگە كەلدۇق. بۇ يەرگە سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئىشلەتكەن تېلېفون نومۇرىنى ۋە QQ نومۇرىنى يېزىشىڭىز كېرەك. (بۇ يەردىكى تېلېفون نومۇرى ۋە QQ نومۇرى خاتا بولۇپ قالسا سىز مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن نومۇر ھاسىللاپ بەرمىسە ياكى يانفون ئۆچۈپ قالسا بىز بىلەن ئالاقە قىلىسىز، شۇ چاغدا بىز سىز بىزگە تەمىنلىگەن شۇ تېلېفون نومۇرى ۋە QQ نومۇرىغا ماس بولغان ئۇچۇرنى ئەۋەتىمىز ياكى ئالاقىلىشىمىز شۇڭا چوقۇم توغرا بولغان نومۇرلارنى كىرگۈزىشىڭىز كېرەك.)
4.jpg
نومۇرلارنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن تور كۆرگۈنى ئوڭ تەرەپ پەسكە سىيرىسىڭىز تالون تاپشۇرۇش () دەپ قىزىل كۇنۇپكا كۆرۈنىدۇ. ئۇنى باسىسىز.
5.jpg
يۈكلەۋاتىدۇ
6.jpg
دېمەك پۇل تۆلەيدىغان سۇپىغا ئالمىشىدىغان بەت كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردىن ئاۋۇ ئالىپاينىڭ بەلگىسىنى ياكى پۇل تۆلەش دېگەن قىزىل خەتنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7.jpg
بۇ يەرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئالىپاي ھېساباتىنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى باسىسىز.
8.jpg
بۇ يەرگە ماس بولغان ئالىپايدىكى پۇل تۆلەش ئىمىڭىزنى كىرگۈزىسىز ۋە يانفونىڭىزدا ئالىپاي ئەپچىسى بولسا شۇنىڭدىكى يانفون  تەنتىكىدە (宝令 نى نېمە دەپ ئېلىشنى ئۇقالمىدىم يا) چىققان نومۇرنى خاتىرلىۋېلىپ كىرگۈزىسىز
9.jpg
مانا مۇشۇنداق نومۇر چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇنى كىرگۈزۈپ ئاندىن جەزملەشنى باسسىڭىز
10.jpg
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ كۆزنەكنى ھەرگىز تاقىۋەتمەڭ. مەيلى يانفوندا بولسۇن مەيلى كومپيۇتېردا بولسۇن پۇل تۆلەش ئوڭۇشلۇق بولدى دېگەن كۆزنەكنى تاقىۋەتمەي ساقلاپ تۇرسىڭىز 2-3 سېكۇنتتىن كېيىنلا سىزنىڭ يانفونىڭىزنىڭ ماشىنا نومۇرىغا ماس بولغان ئىجازەت نومۇرىنى ھاسىللاپ بېرىدۇ.
11.jpg
دېمەك سىز تور ئارقىلىقلا بىزنى ئىزدىمەي تۇرۇپ يانفون نۇسخىسىنى سېتىۋالدىڭىز. ئەمدى مۇشۇ نومۇرنى سىز كىرگۈزۈپلا سىستېمىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئىجازەت نومۇرى يانفونىڭىزنىڭ تېلېفون دەپتىرى (ئالاقىداش) نىڭ ئىچىگە قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھانى دېگەن ئىسىم بىلەن ساقلىنىپ قالىدۇ. كېيىن بۇ سىستېما يۇيۇلۇپ كەتسە قايتا شۇ يەردىن نومۇرنى تېپىپلا قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ سىستېما شۇ يانفون ۋە شۇ كارتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەيدۇ. سۆزلىشىش كارتىسى ياكى يانفون ئالماشسا ئىشلىمەيدۇ.

ناۋادا سىز يانفوندا بۇ ئۇسۇلدا نومۇرغا ئېرىشىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز كومپيۇتېردا تۇرۇپ
http://shopurluq.com/supa/alipay/tel.php
بۇ ئادرېسقا كىرسىڭىزمۇ بىۋاستە نومۇرغا ئېرىشەلەيسىز.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكىتى
قۇتيار شوپۇرلۇق تورى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
ozhan ‎+10 ئېسىل!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ‎شۆھرەت + 10   باھا خاتىرىسى

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
1-قەۋەت
‎2014-6-29 11:55:48 يوللىغان ۋاقتى
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 23:28
تەرەققىياتىڭلار زور بولىۋاتىدۇ. تېخىمۇ تەرەققى قىلىىى ...


قايسى جەھەتتىكى بىخەتەرلىكنى دەيسىز. بىزمۇ ئەمدى ئىنسان ئالاھىدە بىخەتەرلىككە تاقابىل تۇردۇق دەپ كېتەلمەيمىز. ئەمما سىز بۇزۇۋەتسىڭىز ياكى شۇنداق يوچۇق بارلىقىنى بىزگە ئايرىم ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز ئەھۋالغا قاراپ نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمىز

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
2-قەۋەت
‎2014-6-29 11:56:09 يوللىغان ۋاقتى
Serqut يوللىغان ۋاقتى  2014-6-28 22:10
يېقىندا يېڭىلاش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋېلىپ 1.5 نەشرىگە يېڭى ...

ھازىر قايتا چۈشۈرۈسىڭىز بولىدۇ. ئۇ ئوڭشالغان ئىدى ئاللىبۇرۇن.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
3-قەۋەت
‎2014-6-30 14:23:44 يوللىغان ۋاقتى
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 17:02
بۇزىۋېتىش خيالىم، يوق، لېكىن يۇچۇقنى ئىسپاتلاپ بەرسە ...

بۇزۇۋېتىمەن دەپمۇ بۇزالمايسىز بۇ ئېنىق. ئەمدى قانداق ئۇسۇلدا نومۇر ھاسىللىۋالىدىغىنىڭىزغا قارايمىزدە. سىنلىق شۇ نومۇر ھاسىللايدىغان يەرلەرنى ماڭا ئەۋەتەلىسىڭىز 500 يۈەن نەق پۇل بىلەن تارتۇقلايمىز.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
5-قەۋەت
‎2014-6-30 17:40:37 يوللىغان ۋاقتى
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 14:42
نومۇر ھاسىللاش دېگەن بۇ گېپىڭىزنى تازا ئېنىق چۈشەنمى ...

قەيەرنىڭ يوچۇقىنىڭ گېپىنى قىلدىڭىز ئەمىسە؟ نومۇر ھاسىللاشنى بىلمەي تۇرۇپ يوچۇق بارلىقىنى قانداق بىلىسىز؟

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
6-قەۋەت
‎2014-7-1 11:12:31 يوللىغان ۋاقتى
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 21:05
مەن بايقىغان يۇچۇق ئۇنداق ئاددىي يۇچۇق ئەمەس.
ئازراق ئ ...

ئېچىلمىدىغۇ ئۇ بەت.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
7-قەۋەت
‎2014-7-1 16:40:25 يوللىغان ۋاقتى
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 14:17
تەھرىرلەپ بوپسىزغۇ. يەنە ئىچىلسا سەت تۇرا ئەمدى.


مەن ئەتىگەن ئىشقا چىقىپلا كۆردۈم ئىنكاسىڭىزنى. ئۇ بەتكە چېقىلمىدىم. بەلكىم مۇڭلانجان تەھرىرلىۋەتكەندۇ. لېكىن ئۇ بەتتىن ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. پەقەت ئارقا سۇپا ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىزغۇ دەيمەن.
مەن تېخى سىزنى مۇشۇ تېمىدىكى پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك نومۇر ھاسىللايدىغان يېرىنى پۇل تۆلىمەيمۇ نومۇر ھاسىللايدىغان قىلىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ سورىغان سوئاللار ئىدى ئاۋۇ.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
8-قەۋەت
‎2014-8-31 11:16:37 يوللىغان ۋاقتى
bagzada يوللىغان ۋاقتى  2014-8-31 10:19
ئايفۇن دىمۇ نورمال ئىشلەمدۇ

ياق، پەقەت Android يانفوننىڭلا بار.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
9-قەۋەت
‎2014-9-28 19:30:28 يوللىغان ۋاقتى
hanzad1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 16:08
كومپىيوتىر نۇسقىسىنىڭكىگە ئوخشاش چىقارمۇ مەن 4- تۈرنى ...

قاتناش باشقۇرۇش ئىدرىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ بىزنىڭ سوئال. ھەم كېلىپ بىزنىڭ بارلىق سىستېمىنىڭ ساندانى ئەڭ يېڭى.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
10-قەۋەت
‎2014-10-1 17:59:25 يوللىغان ۋاقتى
hanzad1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 17:45
كۈلكە ئەپەندىم مەن سىلەرنىڭ يانفون شوپۇرلۇق سىستېمىسى ...

رەھمەت. سىلەردەك قوللىغۇچىلارنىڭ جىقراق چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.104092 second(s), 19 queries . GMT+8, 2017-6-23 15:50  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش