ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ۋە ئىشلەتكۈچى دوستلار
شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ سوئالى ئالدىنقى يىلى 7-ئايدا 1-پەنگە 100 سوئال، 4-پەنگە 100 سوئال قوشۇلۇپ جەمئىي 200 سوئال قوشۇلۇپ يېڭىلانغان ئىدى. ئەمدى بۇ يىل 7-ئايدا يەنە 1-پەنگە 156 سوئال، 4-پەنگە 164 سوئال قوشۇلۇپ پراۋا ئالىدىغانلارغا يەنە بىر ئاۋارچىلىق كۆپەيدى. ئەمدى بۇنى ئاۋارىچىلىق دېسەك شۇ پراۋا ئالىدىغان قېرىنداشلار ئالدىنقى يىللاردىكى سوئاللارنى ئۆگىنىپ بولالماي پراۋاىنى تەستە ئېلىۋاتقاندا بۇ سوئاللار قوشۇلۇپ يەنە بېسىم ئۈستىگە بېسىم بولدى، دېسەك بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتساق بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى شوپۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىشىگە پايدىلىق ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇ يېڭى سوئاللاردا بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز يولۇقمىغان ياكى يولۇقساقمۇ قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم بىلىملەر كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا شوپۇرلار بۇلارن بىلىۋالسا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىينالمايدۇ.
خوش ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرى تارقىتىلغان 2 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بېرى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىزمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سوئاللار يېڭىلانغان ھامان تېز سۈرئەتتە يېڭىلاپ مېڭىۋاتىمىز. ئالدىنقى قېتىم 4-تۈر ئىمتىھان يانفون نۇسخىسىنىڭ يەشمىسىنى ئېلان قىلىپ يېڭى قوشۇلغان سوئاللار ھەققىدە ئازراق ئۇچۇرلارنى بەرگەن ئىدۇق. ئەمدى بۇ قېتىم 1-تۈر ئىمتىھاننىڭ يەشمىسى بىلەن يېڭى قوشۇلغان 156 سوئال تولۇق يېڭىلانغان ئۇچۇرنى تارقىتىپ تۇرۇپتىمىز.
بۇرۇن 1-تۈر ئىمتىھانىدا جەمئىي 1241 سوئال بار ئىدى، C پراۋا ئالىدىغانلار پەقەت 1073 سوئالنى ئۆگەنسىلا بولاتتى، شۇنىڭ ئىچىدىن 100 سوئال ئىمتىھانغا چىقاتتى. ئەمدى بۇ قېتىم قوشۇلغان سوئاللار بىلەن 1-تۈرنىڭ سوئال سانى 1397 گە كۆپەيتىلدى، يەنى A پراۋا ئالىدىغانلار 1397 سوئالدىن، B پراۋا ئالىدىغانلار 1295 سوئالدىن، C پراۋا ئالىدىغانلار 1229 سوئالدىن ئىمتىھان بېرىدۇ دېگەن گەپ.
بۈگۈن بىز قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىنىڭ 1-پەن يانفون نۇسخىسىنى مۇشۇ سوئاللار ئاساسىدا يېڭىلاپ تارقاتتۇق. بۇرۇن سېتىۋالغان ئىشلەتكۈچىلەر يانفون ۋە يانفون كارتىسىنى ئالماشتۇرمىغان ئاساستا ھەقسىز يېڭىلىۋالسا بولىدۇ. يېڭىدىن سېتىۋالماقچى بولغانلار بىزنىڭ شوپۇرلۇق تورىمىزغا كىرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
كەسمە رەسىملەر:
مەزكۇر سىستېمىنىڭ كومپيۇتېر ۋە تور بېكەت نۇسخىسى پات ئارىدا يېڭىلىنىدۇ. كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ ئىككى نۇسخىسىنى سېتىۋالغانلار تەخر قىلىپ تۇرساڭلار. رەھمەت.
ئورگان تورى: www.xopurluk.com www.shopurluq.com
شوپۇرلۇق QQ ۋە ئۈندىدارى: 2102434310
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار شوپۇرلۇق تورى
2015-يىلى 21-سېنتەبىر |