قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخسى يېڭىلاندى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش3556
  • ئىنكاس4
0-قەۋەت
‎2014-11-8 13:50:01 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك توردشلار ۋە بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان شوپۇرلۇق ئۆگىنىۋاتقان دوستلار
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز تۈزۈپ چىققان قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر، يانفون ۋە تور بەت نۇسخىلىرى كەڭ شوپۇرلۇق ئۆگىنىۋاتقان دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشگە ئېرىشتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىل يەنى 2014-يىلى 7-ئايدا قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى يېڭىدىن قوشۇپ چىققان 200 سوئالنى (1-پەنگە 100 سوئال، 4-پەنگە 100 سوئال) يانفون نۇسخىسىغا بىر ئاي بۇرۇن يېڭىلاپ بولغان ئىدۇق. ھەمدە شوپۇرلۇق تورىمىزدا ۋە شوپۇرلۇق ۋېيشىن سالونىمىزدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كومپيۇتېر نۇسخىسىغىمۇ يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ 200 سوئالنى ئوڭۇشلۇق يېڭىلاپ بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلدۇق. يەنى بۇرۇنقى 1.0 نەشرىنى 1.1 نەشرىگە كۆتۈرۈپ بۇرۇنقى 1-پەندىكى 1141 سوئالنىڭ سانىنى 1241 سوئالغان. 4-پەندىكى 800 سوئالنىڭ سانىنى 900 غا كۆتۈرۈپ بۇ قېتىملىق نۇسخىسىغا تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئىقتىدارنى قوشۇپ چىقتۇق.
كۆرۈنمە يۈزلىرى:
001.jpg
002.jpg

1-ئىقتىدار:
سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تىزىملىتىش كۆزنىكىدىكى «مۇلازىمەت نومۇرى»، «كومپيۇتېر نومۇرى» ۋە «ئىجازەت نومۇرى» نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىشلەتكۈچى بىر قېتىم كىرگۈزۈپ قويۇپ كېيىنكى قېتىم سىستېما قاچىلىغاندا يوقىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ سىستېما تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا شۇ كومپيۇتېرنىڭ C رايونىغا Qutyar.png نامىدا بىر رەسىم شەكىلدە تىزىملاش ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان قىلدۇق. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
003.jpg
000.jpg
00.jpg

نېمىشقا تىزىملاش ئۇچۇرىنىڭ رەسىمىنى «C» رايونىغا قىلدىڭلار؟ دەپ سورايدىغانلار چىقىشى مۇمكىن.
بۇنى سەۋەبى مۇنداق: كومپيۇتېرنىڭ بارلىق دىسكا رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە D, E, F رايونلارنىڭ بولۇشى ناتايىن. ناۋادا بىز D, E, F دېگەندەك رايونلارغا ساقلايدىغان قىلىپ قويساق ناۋادا شۇ كومپيۇتېردا ئاشۇ رايونلار بولماي پەقەتلا C رايون ئاشۇ 3 رايوندىن باشقا رايونلار بولسا ئۇ چاغدا تىزىملاش ئۇچۇرىنىڭ ئۇ رەسىمى ساقلىنالمايدۇ. ئەمما ھەممە كومپيۇتېرلاردا C رايون چوقۇملا بار. شۇڭا بىز ئۈنۈمۈك ئۇسۇلنى قوللىنايلى دەپ ئۇچۇر ساقلايدىغان ئورۇننى C رايون قىلىپ بەلگىلىدۇق. ئىشلەتكۈچىلەر شۇ ئۇچۇرنى ئۆزى D ياكى باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈپ ساقلىۋالسا بولىدۇ.


2-ئىقتىدار:
بۇرۇن 1-پەن ۋە 4-پەن تەقلىدىي ئىمتىھانىدا ئىمتىھان بېرىپ 1-پەندە 11 سوئالنى، 4-پەندە 6 سوئالنى خاتا ئىشلىسە داۋامىنى داۋاملىق ئىشلەشكە بولمايتتى. ئەمما بۇ قېتىم بىز ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ شۇ سوئاللارنى خاتا ئىشلەپ قويسىمۇ داۋاملىق ئىشلەيدىغان قىلدۇق.  يەنى سىز 11 سوئالنى ۋە 6 سوئالنى خاتا ئىشلەپ قويسىڭىزمۇ «بىكار قىلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق داۋاملىق ھالدا ئىمتىھان بېرەلەيسىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
004.jpg

سىستېمىنى يېڭىلاش ئادرېسى: www.xopurluk.com

يېڭىلاش ئۇسۇلى:
تور بېكىتىمىزدىن كومپيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ بۇرۇنقىسىنى ئۆچۈرمەيلا (يەنى بۇرۇن قاچىلانغان نۇسخىسىنى ئۆچۈرمەيلا قويۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ) چۈشۈرگەن Setup.exe نى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

ئاخىرىدا ھەرقايسى قوللىغۇچىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا بەرسەڭلار قارشى ئالىمىز.



قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار شوپۇرلۇق تورى
قۇتيار تور بېكىتى

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى


بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
1-قەۋەت
‎2014-11-17 10:01:09 يوللىغان ۋاقتى
مەن كومپىيوتىر نۇسقىسىدىن بىرنى بىرسىگە ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم. سىلەرنىڭ قۇتيار كومپىيوتىر نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام ناھايىتى ياخشىكەن بىراق 4-پەننىڭ خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى كورۇشنى باسساق خاتالىق چىقىدىكەن ياكى باشقا يېنىپ كېتىدىكەن، 1-پەن ئۇنداق ئەمەسكەن. مۇشۇ مەسىلىنى تىزراق ئوڭشىساڭلار بىرنى سېتىۋالاتتىم.  تىزراق جاۋابىنى بېرىڭلار جىددى لازىم ئىدى تىزراق ھەل بولسا  دەرھاللا سېتىۋالسام بولاتتى. بولمىسا باشقىلارنىڭكىنى سېتىۋېلىشقا توغرا كىلىدۇ. 4-پەن جىددىي لازىم ئىدى.  كومپىيوتىرنىڭ سىستېمىسى window 7

لەشكەر

Rank:1

[؟]

تەجرىبە
24
شۆھرەت
2
تەڭگە
0
2-قەۋەت
‎2014-11-17 10:06:33 يوللىغان ۋاقتى
يەنە بىر مەسىلە كومپىيوتىر نۇسقىسىغا خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى ساقلاش ئىستونى قوشۇلغان بولسا خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى يېغىپ  خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى نوقتىلىق ئۆگەنگەن بولساق ئۆگىنىشكە ئاسان بولار ئىدى. كېيىنكى نەشرىدە بۇنى چوقۇم ئويلىشىپ بېقىڭلار. بۇنداق ئىستون ھازىرچە ھەرقانداق سېستىمىدا يوق بۇ بىر ھەقىقى يېڭىلىق بولىدۇ.   سىلەرنىڭ بۇرۇنقى ھەقسىز يانفون نۇسقىسدا بار ئىدى مەن مۇشۇ بويىچە خاتالىرىنى  ۋە خاتا توغرىلىقى ئاسان ئەستە قالمايدىغان سۇئاللارنى يېغىپ نوقتىلىق ئۆگىنىپ ئىمتىھاندىن ئاسانلا ئۆتۈپ كەتكەن.

لەشكەر

Rank:1

[؟]

تەجرىبە
24
شۆھرەت
2
تەڭگە
0
3-قەۋەت
‎2014-11-18 11:30:39 يوللىغان ۋاقتى
yalkuntag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 10:06
يەنە بىر مەسىلە كومپىيوتىر نۇسقىسىغا خاتا ئىشلىگەن سۇ ...

بولىدۇ. بىز بۇ يەرنى تېز ئوڭشاپ يېڭىسىنى ئېلان قىلايلى. رەھمەت.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
5-قەۋەت
‎2015-4-23 12:42:09 يوللىغان ۋاقتى
ياخشى يوللاپسىز

لەشكەر

Rank:1

[؟]

تەجرىبە
3
شۆھرەت
1
تەڭگە
0

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.096315 second(s), 17 queries . GMT+8, 2017-6-23 15:20  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش