[align=justify]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
مۇنبىرىمىز ئېچىلغىلى بىر ئاي بولاي دېدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم يېڭى ۋە كونا تورداشلار مۇنبەرگە بىرەر قوشۇمچە يەنى رەسىم، پرېس ھۆججەت، PDF كىتاب، Word ھۆججەت... قاتارلىقلارنى يوللىغاندا باشقا ھەقسىز بوشلۇققا ياكى QQ نىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ ئۇلىنىش قالدۇرۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلماي مۇنبىرىمىزنىڭ ئۆزىگىلا يوللىسا تېزلا بۇ ئشلار ھەل بولاتتى. شۇڭا مەن ھازىر2 مېگابايىتتىن ئېىشپ كەتمىگەن كىچىك ھۆججەتلەرنى (قوشۇمچە ھۆججەت) يوللاش ۋە ئۇنى قانداق قىستۇرۇپ كۆرسىتىش ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرمەكچى...
ئادەتتىكى ئەزالار 2 مېگابايىت بولغان ھۆججەتلەرنى يوللىيالايدۇ. ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلار (پاسىبان)، باشقۇرغۇچى، ئىشەنچىلىك ئەزا، تەرجىمە فىلىم ئەزاسى، ھەقلىق ئەزالار 5 مېگابايىت ئەتراپىدا قوشۇمچە ھۆججەت يوللاپ چىقىرالايدۇ.
ئالدى بىلەن سىز بىرەر سەھىپىگە كىرىپ تېما يېزىش كۆزنىكىنى ئېچىڭ ۋە مەزمۇن يېزىپ مەلۇم ئورۇنغا رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ(ئەلۋەتتە شۇنداق تېما بولسا) بۇ چاغدا سىز ئاستىدىكى ئادەتتىكى چىقىرىش ۋە توپ چىقىرىش دېگىن ئىككى تۈرنى كۆرىسىز، يەنى تۆۋەندىكىدەك: (مۇشۇ يېزىۋاتقان تېماممنى مىسال قىلىپ سۆزلەي)
بۇ يەردىن سىز چىقارماقچى بولغان رەسىم ياكى 2 مېگابايتتىن كىچىك بولغان ھۆججەتلەرنى(ھۆججەت تىپىنى ئاشۇ قوشۇمچە چىقىردىغان يەردىكى «ھۆججەت تىپى» دىن كۆرۈۋالالايسىز)ئاشۇ رەسىمدىكى «浏览» نى بېسىپ كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتنى تاللاپ قويسىڭىز سول تەرەپكە «قىستۇرۇش» ۋە « ئۆچۈرۈش» دەپ ئىككى كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندىكدەك:
ئەمدى سىز بۇ رەسىمنى تېمىڭىزنى قايسى ئورنىغا قىستۇرماقچى يەنى قويماقچى بولسىڭىز مائۇس نۇر بەلگىسىنى شۇ ئورۇنغا ئەكەپ «قىستۇرۇش» نى باسسىڭىز قايسى خىل تىپتىكى ھۆججەت بولسا شۇ ھۆججەت پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:(بۇ يەردە مەن رەسىمنى مىسال قىلغاچقا كۆرۈندىغان ھۆججەت رەسىم ھۆججىتىدۇر)
دىققەت: سىز تېما يوللىغاندا سول تەرەپتىكى «Wind كودى» نىڭ ئالدىغا بەلگە قويسىڭىز يۇقارقىدەك رەسىم ۋە باشقا ھۆججەتلەر بىۋاستە كۆرۈنمەي تۆۋەندىكىدەك خەت كۆرۈنىدۇ:
بۇ رەسىمدىكى ئاۋۇ ئىنگىلىزچە ھەرىپلەر سىز يوللىغان قوشۇمچە ھۆججەتنىڭ ئىسىمىدۇر. بۇنداق يوللىسىڭىزمۇ ياكى «Windكودى» دىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ يوللىغان تېمىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ دەل ئادەتتىكى چىقىرىش ئۇسۇلىدۇر. ئەمدى توپ چىقىرىشنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.
ئەگەر سىز مەلۇم بىر تېمىغا 5-10 پارچە ئەتراپىدا رەسىم يوللىماقچى بولسىڭىز ئادەتتىكى چىقىرىش بويىچە قىلسىڭىز بەك جاپا تارتىپ كەتكەن بولىسىز. بۇ چاغدا سىز توپ چىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قىلسىڭىز ئۈنۈمى تېز بولىدۇ. توپ چىقىرىشنى باسساق سول تەرەپكە ئاستىنقى بۈرجەككە «上传» ۋە «选择文件» دەپ ئىككى كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. سىز بۇنىڭدىن«选择文件» نى تاللاپ ئەكىرمەكچى بولغان نۇرغۇن رەسىملىرىڭىزنى تاللاپ قويسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ:
سىز ئەمدى «上传» نى باسسىڭىز قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى چىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ:
قوشۇمچە ھۆججەتلەر يوللىنىپ بولدى . ئەمدى سىز يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە بۇلارنى قايسى ئورۇندا كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز شۇ ئورۇنغا مائۇس نۇر بەلگىسىنى ئەكەپ قويۇپ قىستۇرۇشنى باسسىڭىزلا يوللىغان قوشۇمچە ھۆججىتىڭىز كۆرىنىدۇ. ئەگەر سىز قوشۇمچە ھۆججەتنى ساتماقچى بولسىڭىز ياندىكى «سېتىش، باھاسى...» دېگەن يەرلەردىن تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
دېمەك قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش ئۇسۇللىرى يۇقارقىدەك. قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز شۇ ئۇسۇل بويىچە ئىش تۇتسىڭىز بولىدۇ.
مۇمكىن بولسا بېكىتىمىزدىكى ئەزلار ۋە باشقۇرغۇچىلار ھۆججەت يوللىماقچى بولسا ئەگەر شۇ ھۆججىتى بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمىسە بىۋاستە مۇنبەرنىڭ مۇشۇ قوشۇمچە يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلانسا. باشقا يەرگە چىقىرىپ چاپلاپ قويساق كېيىن بىر كۈنلەر كېلىپ تور بېكەتلەر تاقالسا ياكى باشقا سەۋەپلەر بولسا رەسىملەر نورمال كۆرنمەي قالىدىغان ئىش كېلىپ چىققىدۇ. شۇڭا بىرەر پارچە رەسىم بولسىمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىگىلا يوللاپ چىقارساڭلار.
قۇتيار مۇنبىرى 2010 - يىلى ئوغلاق ئېيىنىڭ 2 - كۈنى |